ئېغىر پىلىموت
جەڭ قوراللىرى
ئېغىر پىلىموتتىن ئوق يامغۇردەك ياغىدۇ، يېرىم مـىـنـوت ئىـچـىـدىلا300 پاي ئوقنى ئۇدا ئېتىپ چىقىرىـپ، غـايـەت زور ئوت كـۈچـى تـورىـنـى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق دۈشمـەنـنـىـڭ ئوت كـۈچـى نـۇقـتـىـسـىـنـى ئاجىزلاشتۇرۇشقا، دۈشمەننىڭ ھەرىكەت لىنىيىسىنى قامال قىلىشقا بولـىـدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا توپ نىشانلارنى كۆپلەپ يوقىتىشقا، پىيادە ئەسكـەرلـەرنـىـڭ ئاتاكىغا ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىشكە بولىدۇ.
ئېغىر پىلىموتنىـڭ ئېـتـىـش مـۇسـاپـىـسـى مـىـلـتـىـق، ئاپتوماتنىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن. ئادەتتىكى مىلتىق ئوقىنى ئىشـلـەتـكـەنـدە3000 مېتىر ئارىلىقتىكىلەرنى تالاپەتلەندۈرەلەيدۇ، ئالاھىدە ئوقنى ئىشلەتكەندە، ئېتىش مۇسـاپـىـسـى5000 مـېـتـىـرغا يېتىدۇ. ئۇنىڭغا يۇقىرى سىغىملىق پاترونتاش ساندۇقى ئارقىـلـىـق ئوق يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، پىلىموت جازىسىنى تۈز ئاتىدىغان، يۇقىرىغا ئاتىدىغـان قىلىپ ئىككى خىل ھالەتكە تەڭشەشكە بولىدۇ،500 مـېـتـىـر ئېـگـىـزلـىـكـتـىـكـى پاراشۇتچى ئەسكەرلەرگە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك تېگىدۇ.
دۇنيادا تۇنجى ئېغىر پىلىموتنى ئامېرىكىلىق ئىـنـژېـنېـر مـاكـسـىـم1883 - يىلى لايىھىلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانـغـان، شـۇڭـا مـاكـسـىـم پىلىموت دەپ ئاتالغان.1940 - يىـلـى سـوۋېـت ئىـتـتـىـپاقىـنىڭ ياراغ لايىھىلىگۈچىسى گوريۇنوف يېڭى تىپتىكى ئېغىر پـىـلـىـمـوتـنـى لايـىـھـىـلـەپ، ئەسلىدىكى سۇدا سوۋۇتۇلىدىغان شەكىلنى گازدا سوۋۇتۇلىدىغان شەكىلگـە ئۆزگەرتكەچكە، زاپچاسلىرىنىڭ3 تىن2 قىسمى ئازىيىـپ، ئېـغـىـرلـىـقـى26 كىلوگرام يېنىكلىگەن، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىـدا ئىنتايىن زور رول ئوينىغان. ھازىرقـى زامـان ئۇرۇشـلـىـرىـنـىـڭ ياراغنىڭ جانلىقلىقىغا بولغان تەلىپى بارغانسېرى يـۇقـىـرىـلىـغـاچـقـا،60 - يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە،62 .7 مىللىمېتىرلىق ئوق ئىشلىتىـلـىـدىـغـان ئېغىر پىلىموتنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ئادەتتىكى پىلىموت ئالغان.
ئېغىر پىلىموتنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، ئۈچ قېرىـنـدىـشـى بـارلـىـقـقـا كەلگەن: ئۇنىڭ بىرى يېنىك پىلىموت، بىرى ئۇنىۋېرسال پىلـىـمـوت، يـەنـە بىرى زېنىت پىلىموت.