يېنىك پىلىموت
جەڭ قوراللىرى
يېنىك پىلىموت ئېغىر پىلىموتنىڭ ئۇكىسى. ئۇ ئېغىر پـىـلـىـمـوتـتـىـن يېنىك بولغاچقا، پىيادە ئەسكەرلەر بىلەن بىللە ئاتـاكـىـغـا ئۆتـەلـەيـدۇ. ئەڭ دەسلىپىدە گېرمانىيىلىكلەر «ماكسىم» ناملىق ئېغىر پىلىموتنى ئېغىـرلـىـقـى16 كىلوگرام كېلىدىغان يېنىك پىلىموتقا ئۆزگەرتكەن.
يېنىك پىلىموتنىڭ ئىستوۋۇلى قېلـىـنـراق ھـەم ئىسـتـوۋۇلـىـنـى تـېـز ئالماشتۇرىدىغان سوۋۇتۇش تەدبىرى قوللىنـىـلـغـاچـقـا، ئۇزاق ۋاقـىـت ئۇدا ئاتقىلى بولىدۇ، شۇڭا، ياخشى ئېتىش زىچلىقىغا ئىگە. ئۇنىڭغا پاترونتاش ياكى دىسكا سېلىنـىـدۇ، ئادەتـتـە مـىـنـۇتـىـغـا150 تـال ئوق ئاتالايدۇ؛ ئۇدا ئاتقاندا300 پاي ئوقنى ئۇدا ئېتىـپ چـىـقـىـرالايـدۇ. بـۇ خېلى كۆپ مىلتىقنىڭ مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوت كـۈچـىگە تەڭ بـولـۇپ،800 مېتىر دائىرىدىكى دۈشمەن توپلانغان نىشان ۋە مۇھىم ئايرىـم نـىـشانلارغا ئۈنۈملۈك تالاپەت يەتكۈزەلەيدۇ.
يېنىك پىلىموتنىڭ ئىككى تىرىكى بولغاچقا، ئېتىش ۋاقتىدىكى مـۇقـىـمـلـىـقـى ياخشى. زۆرۈر بولغاندا، قولغا ئېلىپ ئوقـقـا تـۇتـۇشـقـىـمـۇ يـاكـى مـاڭـغـاچ ئېتىشقىمۇ بولىدۇ.
دۇنيا بويىچە مەشھۇرراق يېنىك پىلىموتلاردىن ئامېـرىـكـىـنـىـڭ56 .5 مىللىمېتىرلىق248 MX يېنىك پىلىموتى بار بولۇپ، بۇ خىل پـىـلـىـمـوت200 تال ئوق سىغىدىغان دىسكىسى بـىـلـەن قـوشـقـانـدا4 .8 كـىـلـوگـرام كېلىدۇ، ئۇنى ئىشلىتىش قۇلايلىق. گېرمانىيىنىڭ1 A1Z-KH بەن پىلىموتى ئوق ئىشلىتىش جەھەتتىن ئىنتايىن زور جانلىقلىـقـقـا ئىگە بولۇپ، ئىستوۋۇل، زاتۋور ۋە ئوق بىـلـەن تـەمىـنـلـەش قـۇرۇلـمـىـسـى ئالماشتۇرۇلسىلا، ئامېرىكىنىڭ56 .5×45 مىللىمېترلىق ئوقىنى ئىشلىتىشكـە بولىدۇ.