UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىجاسۇسلۇق ياراغلىرى

جاسۇسلۇق ياراغلىرى

جەڭ قوراللىرى جاسۇسلۇق ياراغلىرى ئىنتايىن نەپىس، ئىنتايىن ئەپچىـل قىلىپ ياسالغاچقا، مەخپىي ئېلىپ يۈرۈشكە قۇلايلىق. ھاسا تاپانچا −19 - ئەسىرنىـڭ ئاخىرى،20 - ئەسـىـرنـىـڭ بـاشـلـىـرى بىرقەدەر ئومۇملاشقان جاسۇسلۇق ياراغ. بۇ خىل ياراغ نەپىـس ھـۈنـەر - سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئوخشاش بولۇپ، قاشتـېــىـشىـدىـن ئىـشـلـەنـگـەن دەستىسى ئىنتايىن چىرايلىق نەقىشلەنگەن. دەستىسىنى بۇراپ چۈشۈرگەنـدە، ئۇنىڭ تاپانچا ئىكەنلىكىنى ھەتتا سوغۇق نـۇر چـاقـنـاپ تـۇرغـان ئىـشـتـىـك سەپلەنگەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ. تاماكا قېپسىمان تاپانچا ئادەتتىكى سىگارتقا بەكمۇ ئوخشايدۇ، سىنك قەغىزىنى ئاچقاندا، ئىچىدىن35 .6 مىللىمېتىر كـالـىبىـرلـىـق ئىستوۋۇل كۆرۈنىدۇ. تاماكا قېپسىمان تاپانچىنىڭ يان تەرىپىگە باسمـاق شـەكـىـلـدىـكـى ترىگگېر (قوزغاتقۇچ) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بارماق بىلەن باسسىلا، تاماكا قېـپـىـدىـن ئوق ئېتىلىپ چىقىدۇ. چاقماق تاپانچىنىڭ ئىستوۋۇلى27 .1 مـىـلـلـېـمـىـتـرلا كېلىدۇ، ھەتتا ترىگگېرىمۇ قاپقىقى ئىچىـگـە يـوشـۇرۇلـغـان بولىدۇ. ئاچقۇچ تاپانچا ئاچقۇچ شەكلىدە ياسالغان بولۇپ،ئاچقۇچ دەستىسىنى ئېچىپ ئوق سالغىلى بولىدۇ، دەستىسىدە يەنە بارماق بىلـەن بـاسـىـدىـغـان ترىگگېر بار. سومكىسىمان ياراغنىڭ سـىـرتـقـى كـۆرۈنـۈشـى ئادەتـتـىـكـى سومكىلاردىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىـچـىـگـە قـىـسـقـا ئىستوۋۇللۇق تاللىق مىلتىق ئورۇنلاشـتـۇرۇلـغـان ۋە ئاۋاز يـوقـىـتىـش قۇرۇلمىسى بار. بۇ خىل سومكىنىڭ تۇتقۇچى ئاستىدا بىر مىـس ھـالـقـا بولۇپ، مىس ھالقىنى باسسىلا فرىززىن تەپكىنى قوزغـىـتـىـدۇ - دە، ئوق سومكىدىكى كىچىك تۆشۈكتىن ئېتىلىپ چىقىدۇ، ئۇنـىـڭ ئۈسـتـىـگـە ئاۋازىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ئاسان سېزىلىپ قالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قەلەم تاپانچا، قېرىنداش تاپانچا، غاڭـزا تاپانچا، كـەمـەر تاپانچا قاتارلىق ھەر خىللىرى بار.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى
جاسۇسلۇق ياراغلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki