UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىمىلتىق بىلەن ئېتىلىدىغان گراناتا

مىلتىق بىلەن ئېتىلىدىغان گراناتا

جەڭ قوراللىرى مىلتىق بىلەن ئېتىلىـدىـغـان سىنارەد گـرانـاتا دەپ ئاتىلىدۇ. مەخسۇس تانكىنى تېشىشكە ئىشلىتىلىـدىـغـان تـانـكـىـغـا قـارشـى گراناتا؛ دۈشمەننى ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇش، ئاكـوپلارنـى بـۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغـان تالاپەتلەندۈرۈش گــرانـاتاسى؛ يەنە يـورۇتـۇش، تـۈتەك قـويـۇپ بـېـرىـش قـاتـارلـىـق پـەۋقـۇلئاددە ۋەزىپىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە تۈردىكى گراناتا قاتارلىقلار بار. مىلتىقتا ئۆزىنىڭ كالىبىرىدىن خېلى يـوغـان ئوقـنـى ئېـتـىـش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەۋقۇلئاددە قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلىـدۇ. ئادەتـتـە مـىـلـتـىـق ئېغىزىغا ئېتىش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، گراناتانىڭ قـۇيـرۇقى ئېتىش ئەسۋابـى ئىـچـىـگـە كـىـرگـۈزۈلـىـدۇ، ئانـدىـن پـەۋقـۇلئاددە ئىشلەنگەن كاۋاك ئوق (بېشى يوق ئوققا ئوخشاپ كېتىدىغان ئوق) مىلتىـق ئوقلۇقىغا بېسىپ كىرگۈزۈلىدۇ، ئېتىلغاندا كاۋاك ئوقتىن پەيدا بولغان پوروخ گازى ئوقنـى سىرتقا ئېتىپ چىقىرىدۇ. گراناتانىڭ ئېغىرلىقى، كۆپىنچە7 .0 كىـلوگـرام ئۆپـچـۆرىـسـىـدە بولىدۇ، چوڭ - كىچىكلىكى گراناتتىن پەرقلەنمەيـدۇ، بـىـراق كـۈچـى گراناتنىڭكىدىن خېلى زور.500 گرام ئېغىرلىقتىكى گــرانـاتـنـى ئادەم كۈچى بىلەن40 −50 مېتىر يىراققا ئاتقىلى بولـىـدۇ،500 گـرام ئېغىرلىقتىكى تانكىغا قارشى گراناتانىڭ ئۈنۈملۈك ئېـتـىلىـش ئارىـلـىـقـى75 −100 مېتىرغا يېتىدۇ، تىك يۆنىلىشتە30 مىللىمېتىر قېلىنلـىـقـتـىـكـى برونېنى تېشىۋېتەلەيدۇ.50 مېتىرلىق ئېتىش دائىرىسىدە گراناتانىڭ دەل تېگىش دەرىجىسى گراناتتىن خېـلـى يـۇقـىـرى بـولـىـدۇ. بـەزى گراناتالارنى مىلتىق بىلەن ئېتىشقىمۇ، قول بىلەن ئېتىشقىمـۇ بـولـىـدۇ، ئۇلاردا گراناتا ۋە گراناتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھازىرلانغان.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى