ئاپتومات
جەڭ قوراللىرى
ئاپتومات − مىلتىق بىلەن تاپانچىنىڭ ئارىلىـقـىـدىـكـى ياراغ. ئۇنىڭ ئىستوۋۇلى تاپانچىنىـڭـكـىـدىـن ئۇزۇن، ئېـغـىـرلـىـقـى مىلتىقتىن يېنىك، دىسكا سىغىمى، ئوت كۈچى زىچلىقى تاپانچا بىـلـەن مىلتىقنىڭكىدىن زور بـولـۇپ، زەربىـدارلىـق بـىـلـەن ئاتـاكـىـغـا ئۆتۈشتىكى ئوققا تۇتۇش يارىغى.
ئاپتومات19 - ئەسىرنىڭ90 - يىللىرى بارلىقـقـا كـەلـگـەن. ھـازىـرقـى زامان ئاپتوماتلىرىنىڭ40 نەچچە خىل تىپـى بـار. ئاپـتـومـات قـىـسـقـىـراق بولىدۇ. مەسىلەن، ئىتالىيىدە ئىشلەنگەن بېرېتـتـا12 تـىـپـلـىـق ئاپـتـومـات، قاتلانغاندىن كېيىن،8 .41 سانتىمېتىرلا كېلىدۇ. ئەنگـلـىـيـىـدە بـىـر خـىـل پاينەكسىز ئاپتومات بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى7 .26 سانتىمېتىر كېلـىـدۇ، ئۇنـى تاپانچا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بـەزىـلىـرىـنـىـڭ قـۇرۇلـمىـسى ئاددىي، چىداملىق، رېمونت قىلىشقا قۇلايلىق. مەسىلەن، برازىـلىـيـىـدىـكـى قـۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان »ئۇرۇ« تىپلىق9 مىلـلـىـمـېـتـىـرلـىـق ئاپتومات17 پارچە دېتالدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قول بىلەن قىـسـقـا ۋاقـىـت ئىچىدىلا چۇۋۇپ بولغىلى بولىدۇ. چېخنىڭ25 -zV تىپلىق ئاپتوماتىـنـىـڭ ئاساسىي دېتالى10 لا بولۇپ، دېسكىسى تاپانچا شەكلىـدىـكـى تـۇتـقـۇچـقـا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قاتلانغاندىن كېيىنكى مېتال پاينىكىنـى ئالـدى تـۇتـقـۇچ قىلىشقا بولىدۇ.
ھازىرقى زامان ئاپتوماتلىرىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىكى ئېتىش سۈرئىـتـى كۆپىنچىلىرىنىڭ مىنۇتىغا600 پايدىن ئاشىدۇ، بەزىلىرىنىڭ1000 پايـدىـن كۆپرەككە يېتىدۇ. جەڭدىكى ئېتىش سۈرئىتى120 پايغا يېـتـىـدۇ. ئادەتـتـە100 تالدىن ئارتۇق ئوق سالغىلى بولـىـدۇ. فـرانـسـىـيـىـنـىـڭ بـىـر خـىـل49 -TAM تىپلىق ئاپتوماتى بولۇپ، دىسكىسىغا9 مىللىمېتىرلىق ئوقتىـن32 تال سىغىدۇ، مىلتىق پاينىكىنى ئالدىغا ئىتتىرىپ، ئىستۋولغا قاپلىـغـىـلـى بولىدۇ، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈش ئەپلىك، ئىشلەتكـەنـدە دىـسـكـىـنـى تـۆۋەنـگـە تارتسىلا ئوق ئاتقىلى بولىدۇ.