سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ئىشلەيدىغان تانكا
جەڭ قوراللىرى
سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ئىشلەيدىغان تانكا قۇرۇقلۇقتا يۈرۈش، جەڭ قىلىشتىن بـاشـقـا، يەنە سۇدىمۇ يۈرەلەيدۇ، جەڭ قىلالايـدۇ. ئۇ ئاسـاسـەن دەريا - ئېـقىـن، سازلىقلاردىن ئۆتۈش ۋە دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭ قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ خىل تانكىنىڭ گەۋدىسى ئادەتتىكى تـانـكىلارنـىـڭـكـىـدىـن چـوڭ بولغاچقا، شەكلى كېمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا، سـۇدا لـەيـلـىـيـەلـەيـدۇ. بەزىلىرىگە ئالاھىدە زەنجىر ئىشـلـىـتـىـلـگـەن بـولۇپ، سـۇدا پـالاق ئۇرۇپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ؛ بەزىلىرى پىرقىرىغۇچنىڭ ياردىمى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىلىرى سۇ پۈركۈش تىپىدىكى ئىتتىرگۈچ ئارقـىـلـىـق ئىـتـتـىـرىـلـىـدۇ، سائەتلىك تېزلىكى10 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ،3 ~4 بال بورانغا بەرداشلىـق بېرەلىگەچكە، «سۇدىكى ئەجدىھا» دەپ ئاتالغان.
ھازىرقى زامان تانكىلىرىنىڭ سۇ ئاسـتـىـدا يـۈرۈش ئىـقـتـىـدارى بولۇپ،15 ~30 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇراشـتـۇرغـانـدا، چوڭقۇرلۇقى4 ~6 مېتىر، ئېقىن سۈرئىتى سېكۇنتىغا5 .1 مېتىر بولغـان سـۇ توسالغۇسىدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. تانكا سۇ ئاستىدا يۈرگـەنـدە زەمـبـىـرەك مۇنارىنىڭ ئۇچىدىكى ھاۋا كانىيىدىن ھاۋا بـېـرىـلىـدۇ. تـانـكـا ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە غەۋۋاس نىقابلىـرى بـولـۇپ، تـانـكـا مـەلـۇم سەۋەب بىلەن سۇغا چۆككەندە،1 ~2 سائەت بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. بـەزى ئوتتۇرا، يېنىك تىپتىكى تانكىلارنىڭ زاپاس قېپى بولۇپ، تانكا ئىچـىـگـە سۇ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىـدۇ. تـانـكـىـدىـن چـىـققـان گـاز ئاساسەن تاق يۆنىلىشلىك كلاپان ئارقىلىق چىـقىرىلىدۇ، مـاتـوردىـن چىققان گاز بىۋاسىتە چىقىرىۋېتىلگەچكە، سۇ چىقىرىۋېتىش جەريـانـىـدا ماتورغا قايتىپ كىرەلمەيدۇ.
تانكىنى سۇ ئاستىدا ھەيدىگەندە، يۆنىلىشنى كومپاس قـۇرۇلـمـىـسـى ئارقـىـلـىـق تەخمىن قىلىپ تاپقىلى بولسىمۇ، بـىـراق ئاسـاسەن قـىـرغـاقـتـىـكـى قوماندانلىققا تايىنىدۇ. ئادەتتە، قوماندانلىق سۇپىـسـى تـانـكـا ئىـچـىـدىـكـى رادىئودىن پايدىلىنىپ شوپۇرغا بىۋاسىتە قـومـانـدانـلـىـق قـىـلـىـدۇ، ئىـلـغـار تانكىلارنى يەنە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە سىستېمىسى ئارقىلىـق بـىـۋاسـىـتـە ھەيدىگىلى بولىدۇ.