UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىئوت چاچار

ئوت چاچار

جەڭ قوراللىرى ئوت چاچار (ئوگنېميوت)1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە بارلـىـقـقـا كـېـلـىـشـكـە باشلىغان. ئوت چاچار ئاساسەن كۆيدۈرگۈچى ماددا قاچىلانـغـان قـاچـا، پۈركۈش مىلتىقى، ماي يوللاش نەيچىسى ھەم پۈركۈش بېسىمىنى ھاسىـل قىلىدىغان بېسىم مەنبەسى ۋە ئوت چىقىرىش قۇرۇلمىـسـى قـاتـارلـىـقلاردىـن تەركىب تاپىدۇ. ئوت چاچاردىكى ماي قاچىـسـى ۋە ئوت پـۈركـۈش مـىـلـتـىـقـىـدىكى ئاقۇچان ماي قانداقسىگە ئوت ھـاسـىـل قىلىدۇ؟ ئەسـلـىـدە، ئوت پۈركۈش مىلتىقى پۈركۈشنى بـاشـقـۇرۇش ۋە مـايـنـى تـوغـرا ئېـتىـلىـش يۆنىلىشىگە ئىگە قىلىشتىن باشقا، ئۇنىڭغا پىستان چېقىش قۇرۇلمىسى ۋە ئېـلـېـكـتـر مەنبەسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يېقىلغۇنى ئوت ئالدۇرۇش چـاقـمىـقـى مـىـلـتـىـق ئاغزىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەكلى مىشەكتىن پەرقلەنمەيـدۇ. ياراغنى ئىشلەتكۈچى تەپكىنى بېسىپ ماينى پۈركۈش بىلەن بىـر ۋاقـىـتـتـا، پىستان چېقىش قۇرۇلمىسى مايغا ئوت ئالدۇرۇش نەيچىسىگە ئوت تۇتاشتۇرىدۇ، ماي مىلـتـىـق ئاغزىدىن ئۆتكەندە دەرھال ئوت يالقۇنىغا ئايلىنىپ نىشانغا ئېتىلىدۇ، ئوت چاچارنىڭ، ئادەتتە، يېنىك تىپلىق، ئېغىر تىپلىق ۋە تانكا ئوت چاچارىدىن ئىبارەت ئۈچ خىلى بار. يېنىك تىپتىكى ئوت چاچار بىلەن يەر يۈزىدىكى ئوت كۈچى نۇقتىـلـىـرىغا، توپ پىيادە ئەسكەرلەرگە، ئاكـوپ، ئازگـال، ئۆڭـكـۈر ۋە ئىمارەت قاتارلىق نىشانلارغا ئوت پۈركۈشكە بولىـدۇ، بـۇ پـىـيـادە ئەسـكەرلـەر جېڭىگە ماسلىشىدىغان پايدىلىق ياراغ بولۇپ، ئەڭ يىراق پۈركۈش مۇساپىسـى40 −55 مېتىر كېلىدۇ. ئېغىر تىپتىكى ئوت چاچارنىڭ مـاي زاپـىـسـى كۆپ، قۇدرىتى زور، پۈركۈش ئارىلىقى100 مېتىر ئۆپچۆرىسىـدە بـولـىـدۇ. بىراق، ئېغىر بولغاچقا، ئېلىپ يۈرۈشكە بىئەپ، كۆپىنچە ئىككى چاقلىـق ھـارۋا ياكى ئاپتوموبىل، برونېۋىكلارغا ئورۇنلاشـتۇرۇپ تـوشـۇلـىـدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ يىراق پۈركۈش مۇساپىسى180 مېتىر. تانكا ئوت چاچارى ئوت چاچار تانكا دەپمۇ ئاتىلىـدۇ، يـۈكـسـەك ھەرىكەتچانلىققا ۋە دالىدا يۈرۈش ئىقتىدارىغـا ئىـگـە، ئادەم، ئوت پـۈركـۈش ئۈسكۈنىلىرىگە نىسبەتەن برونېلەنگەن مـۇھـاپـىـزەت ئىـقـتىـدارى بـولـغـاچـقـا، جـەڭ مەيدانلىرىدا ئوتنى ئۈنۈملۈك پۈركۈيدىغان ياراغ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى
ئوت چاچار | UyghurWiki | UyghurWiki