ياش ئاققۇزۇش بومبىسى
جەڭ قوراللىرى
ياش ئاققۇزۇش بومبىسى كۆزنى غىدىقلاپ نۇرغۇن ياش سۇيۇقلۇقىنـى پەيدا قىلىدۇ، بىراق ماھىيەتلىك زىيان يەتكۈزمەيدۇ، شۇڭا ياش ئاققـۇزۇش بومبىسى، ئادەتتە، ساقچى قىسىملىرىغـا سـەپـلـىـنـىـپ، پـەۋقۇلئاددە ئەھۋالـدا، توپلىشىپ جېدەل تېرىغۇچىلارنى تارقىتىۋېتىشتە ئىشلىتىلىدۇ.
ياش ئاققۇزۇش بومبىسى قاچىلانغـان زەھەرلـەرنىـڭ تـۈرى بـويـىـچـە ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، خلورو كېتون گازى قاچىلانغانلىرى فېنـىـل خـلـورىـد كېتون ياش ئاققۇزۇش بومبىسى؛ شىئاس گازى قاچىلانغـانـلـىـرى شـىئاس ياش ئاققۇزۇش بومبىسى؛ سـېئار گـازى قـاچـىلانـغـانـلـىـرى سـېئار يـاش ئاققۇزۇش بومبىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ نامى ئوخشاش بولمىسـىـمـۇ، رولـى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسىلا كۆزنى غىدىقلاپ يـاش ئاقـقـۇزىـدۇ، بـىـراق ئاجىز - كۈچلۈكلۈكى پەرقلىنىدۇ.
ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنى كۆپ خىل قوراللار ئارقـىـلـىـق ئېـتـىـشـقـا بولىدۇ، زەمبىرەك ئوقى، زەھەرلىك گاز باكى، گرانات قاتارلىقلار ئارقىلـىـق بوشلۇقتا پارتلىتىپ، زەھەر چېچىشقىـمـۇ، سـۇيۇقـلـۇق يـاكـى تـوزانـدىـن پايدىلىنىپ چېچىشقىمۇ بولىدۇ.
جەڭ مەيدانلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ياش ئاقـقـۇزۇش بـومـبـىـسـىـنـىـڭ قۇۋۋىتى كۈچلۈك. ئادەتتە مۇنتىزىم قوراللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئىشـلـەتـكـەنـدە، دۈشمەننىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەتكىلـى بـولـىـدۇ. جـەمئىـيـەت تەرتىپىنى قوغداشتا ئىشلىتىلىدىغان ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ قـۇۋۋىـتـى كىچىك. توپلىشىپ ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلار ياش ئاققـۇزۇش بـومـبـىـسـىـدىـن چىققان زەھەرلىك گاز بىلەن ئۇچراشقان ھامان كۆزى ئېچىشىپ ئاغرىـيـدۇ، نۇرغا قارىيالمايدۇ، كۆپلەپ ياش ئاقىدۇ، بۇنىڭ بىلـەن ئىلاجـسـىـز زەھەر رايونىدىن چېكىنىدۇ، زەھەرلىنىـش ئالامـىـتـى5 −15 مـىـنـۇت ئىـچـىـدە ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ. سۈزۈك سۇدا كۆز، بۇرۇننـى يـۇيۇش يـاكـى ئېـغـىـز چايقاشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بـولـىـدۇ، بـىـراق، ئۇزاق مـۇددەت يـاش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇرغاندا، بىرىكـتـۈرگـۈچـى پـەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.