UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىتۆۋەن ئاۋازلىق ياراغ

تۆۋەن ئاۋازلىق ياراغ

جەڭ قوراللىرى رازۋېدكا ئەسكەرلىرى ۋەزىپە ئۆتىگەندە، ئوق ئاۋازى ئىنتايىن كـىـچـىـك چىقىدىغان ياراغنى ئىشلىتىدۇ، بۇ تۆۋەن ئاۋازلىـق ياراغ ياكى ئۈنـسـىـز ياراغ دەپ ئاتىلىدۇ. تۆۋەن ئاۋازلىق ياراغنـى ئۆي ئىـچـىـدە ئاتـقـانـدا ئۆي سىرتىدىكىلەر ئاڭلىيالمايدۇ؛ تالادا ئاتقاندا، ئۆي ئىچىدىكىلەر ئاڭلىيالمـايـدۇ.كۈندۈزى بەلگىلىك ئارىلىقتا ئاتقاندا، ئوت يالقۇنىنى كۆرگـىـلى بـولـمـايـدۇ، كېچىسى يورۇقلۇق چىقارمايدۇ. ھازىر تۆۋەن ئاۋازلىق ياراغنىڭ ئىككى خـىـلـى بـار، بـىـرى، يـەكـكـە دۈشمەننى يوقىتىشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆۋەن ئاۋازلىق تاپـانـچـا؛ يـەنـە بـىـرى كىچىك تۈركۈمدىكى دۈشمەنگـە ھـۇجـۇم قـىـلـىـشتا ئىشلىتىدىغان تـۆۋەن ئاۋازلـىـق ئاپتومات. تۆۋەن ئاۋازلىق ياراغقا ئاۋاز يوقىتىش تەدبىرى قوللـىـنـىـلـغـانـلـىـقـى ئۈچۈن، ئاۋازى تۆۋەن بولىدۇ، بىرىنچىسى، ئاۋاز يوقىتـىـش ئۈسـكـۈنـىـسـى قۇراشتۇرۇلىدۇ، بۇ خىل ئۈسكۈنىنىڭ تاشقى شەكلـى ئۇزۇن سـىـلـىـنـدىـرغا ئوخشاش بولۇپ، ئىچىگە پوروخ گازىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتـىـدىـغـان يـۇمىلاق ئاۋاز ئايـرىـش تـاخـتـىـسـى يـاكـى تـورسـىـمان ئاۋاز يـوقـىـتـىـش تــورى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. پوروخ گازى مۇشۇ ئايرىغۇچـى تـاخـتـا يـاكـى توردىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۈرئىتى تۆۋەنلەپ، بېسىمـى كـىـچىـكـلـەيـدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاۋاز تەبىئىي تۆۋەنلەيدۇ. بەزىـلـىـرىـنـىـڭ ئاۋاز يـوقـىـتـىـش سىلىندىرىنىڭ سىرتىغا يەنە بىر قەۋەت رېزىنكە ئورىلىـدۇ. ئوق ئىستوۋۇلدىن ئېتىلىپ چىققاندا، رېزىنكىنى تېشىـپ ئۆتـىـدۇ، رېزىنكە ناھايىتى تېزلا تارىيىپ گازنىڭ سىرتقا چىقىشىنى توسىدۇ، بۇنىـڭ بـىـلـەن ئاۋازنىڭ يەنە بىر قىسمى تۆۋەنلەيـدۇ. بـەزىـلـىـرىـنـىـڭ ئاۋاز يـوقـىـتـىـش سىلىندىرىنىڭ ئارقا قىسمىدىكى ئىستوۋۇلغا ئېچـىـلـغـان ئۇشـشـاق تۆشۈكچىلەر بولۇپ، ئوقلۇق ئىچىدىكى بىر قىسىم گاز شۇ جايدىن چىقىـپ كېتىپ، مىلتىق ئېغىزىدىكى گازنىڭ بېسىمى كىچىكلـەيـدۇ. ئىـكـكـىـنـچـى، ئادەتتىكى پوروخنىڭ ئورنىغا تېز كۆيىدىغان پوروخ ئىشلىتىلىدۇ، كۆيۈش سۈرئىتى تېز بولغاچقا، مىلتىق ئېغىزىدىكى بېـسىـمـمـۇ ئادەتتىكى پوروخلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ، بۇنىڭ بىـلـەن ئاۋازمـۇ ئاجىزلايدۇ. دۇنيا بويىچە بىرقەدەر نامى بار تۆۋەن ئاۋازلىق ياراغ ئەنگلـىـيـىـنـىـڭ سېتىلون «پارچىرت» 5 KM تۆۋەن ئاۋازلىق ئاپتوماتى بـولـۇپ، بـۇ خـىـل ياراغدىن ئوق ئېتىلغاندا30 مېتىر يىراقتىن ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولمايـدۇ،50 مېتىر يىراقتىن ئوت ئۇچقۇنىنى كـۆرگـىـلـى بـولـمـايـدۇ. ئۇنـىـڭ ئېـتـىـش مۇساپىسى150 مېتىر. بېلگىيە يەنە ئاۋازسىز، تـۈتۈنـسـىـز، ئۇچـقـۇنـسـىـز مىناميوتنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، رازۋېـدكـا قـىـسـىـمـلـىـرىـنـىـڭ ئىشلىتىشىگە ئىنتايىن باب كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى
تۆۋەن ئاۋازلىق ياراغ | UyghurWiki | UyghurWiki