ئوق ئۆتمەس ئۇرۇش ماشىنىسى
جەڭ قوراللىرى
ئۇرۇش ماشىنىسى − ماشىنىلاشقان پىيادە ئەسكەرلـەر يـاكـى مـاتـورلاشـقـان پـىـيـادە ئەسكەرلەرنىڭ ئاساسىي يارىغى. ئۇ يېنىك تىپتىكـى تـانـكـا ۋە توشۇش برونېۋىكنى ئىچىگە ئالىدۇ، بەزىلىرىنىڭ يـەنـە تـانـكـىـغـا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش رولـى بـولـۇپ، ھۇجـۇم قىلىش، توشۇش، ئېتىشتىن ئۈچ خىل ئىقتىدارنى ھازىرلىغان.2000
نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەمىنىيە − يېـغـىـلـىـق دەۋرلـىـرىـدە، ئېلىمىزدە تۆت ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى ئومۇملاشقان. بـىـر جـەڭ ھاۋرىـسـىـدا تۆت ئات، ئۈچ ئەسكەر بولۇپ، بىر ئادەم ئاتنى باشـقۇرسا، ئىـكـكـى ئادەم ياراغ تۇتۇپ، ھۇجۇم ۋە ھەرىكەتنى بىمالال تـامـاملايـتتى. كـېـيـىـن، ياۋروپا ۋە پارس دۆلەتلىرىنىڭمۇ جەڭ ھارۋىسى بولغان، ئۇنىڭ شەكلـى غايەت زور ئات تۇيىقىغا ئوخشايتتى، ئىككى چاقنىڭ ئارقـا ئوقـىـغـا ئالاھىدە يوغان ياسالغان ئورغاققا ئوخشاش ئىككـى ئۆتـكـۈر قـىـلـىـچ ئورنىتىلاتتى؛ جەڭ ھارۋىسىنـى ئىـكـكـى ئات سـۆرەيتتى، ئەسـكـەرلـەر ھارۋا ئىچىدە ئاتلارنى باشقۇرۇپ، دۈشمەن سېپىگە بېسىپ كىـرىـپ دۈشـمـەنـنـى باتۇرلۇق بىلەن قىراتتى.
ھازىرقى زامان جەڭ ماشىنىلىرى ھور ماشىنىسى كەشىپ قىلىـنـغـانـدىـن كېيىن بارلىققا كەلگەن. بۇ خىل جەڭ ماشىنىلىرىنىڭ ياخشى ھىـمـلـىـنـىـش، خەۋەرلىشىش ۋە زەھەر سۈزۈش قۇرۇلمىسى بولۇپ، بۇلغانغان ۋە زەھـەرلـەنـگـەن رايـونلاردا ھەرىـكـەت قـىلالايـدۇ. ھازىـرقـى زامــان جــەڭ ماشىنىلىرىنىڭ ئوت كۈچى بىرقەدەر زور بولۇپ،20 مىللىـمـېـتىـردىـن يۇقىرى كالىبىرلىق زەمبىرەك، تانكىغا قارشى باشـقـۇرۇلـىـدىـغـان سـىـنـارەد ھەمدە پىلىموت ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، كۆپ خىل ياراغلار ماشىنا گەۋدىسىدە ھالقىسىمـان ئوت كـۈچـىـنـى شـەكىللەنـدۈرگەچكە، پـىـيـادە ئەسكەرلەرنى زەخىملەندۈرۈپلا قالماستىن، يەنە يېنىك تىپتىكى برونېلىك نىشانلارغا ھۇجۇم قىلالايدۇ، شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئارقىلـىـق ئاسـاسـىي جەڭ تانكىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدۇ.
ھازىرقى زامان جەڭ ماشىنىلىرىنىڭ دالـىـدا يـۈرۈش ئىـقـتـىـدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، °30 يانتۇلۇققا چىقالايـدۇ،2 −3 مـېـتـىـر كەڭلىكتىكى خەندەكلەردىن ئۆتەلەيدۇ، دەريالاردىنمۇ ئۈزۈپ ئۆتۈۋېرىدۇ. قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشلىرىدا، ساھىلغا بىۋاسىتـە جـەڭ قـىـلـىـپ چىقالايدۇ ۋە ئىچكىرىلەپ كىرىپ جەڭگە قاتنىشالايدۇ.
ھازىر دۇنيا بويىچە مەشھۇر ئۇرۇش ماشىنىلىرىدىن گېرمـانـىـيـىـنـىـڭ «ئاغمىخان»، «تازقارا» ئۇرۇش ماشىنىلىرى، فرانسىيـىـنـىـڭ PR10-XA، جـەنـۇبـىـي ئافرىقىنىڭ «سۇغۇر» ئۇرۇش ماشىنىلىرى قاتارلىقلار بار.