سۇ مىناسى
جەڭ قوراللىرى
سۇ مىناسى − دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قەدىمىي يارىغى، شـۇنـداقلا ھازىـرقـى زاماندىكى مۇنتىزىم ياراغ. ئۇ جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن. مىڭ سۇلالىسىنىـڭ جياجىڭ يىللىرىدا ئېلىمىزدىكىلەر «سۇ ئاستى مىناسى» دىن پايـدىـلـىـنـىـپ، ياپون قاراقچىلىرىنىڭ كېمىلىرىنى پارتلىتـىـپ، ئۇلارغـا ئەجـەلـلـىـك زەربـە بەرگەن.1
- دۇنيا ئۇرۇشىدا، سۇ مىناسى دېڭىز جەڭلىـرىـدە ئۆز كـارامـىـتـىـنـى نامايان قىلغان. تولۇقسىز ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، شۇ قـېـتـىـمـقـى جەڭدە تەخمىنەن310 مىڭ دانە سـۇ مـىـنـاسـى ئورۇنلاشـتـۇرۇلـۇپ، سـۇ ئۈستى پاراخوتىدىن148 ى، سـۇ ئاسـتـى پاراخوتىدىن54 ى، سـودا پاراخوتىدىن586 سى چۆكتۈرۈۋېتىلىپ، سۇ مىناسىنىڭ قۇدرىتى تـولـۇق نامايان قىلىنغان.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا، سۇ مىناسىدىن تەخمىنەن800 مىـڭـى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، سۇ مىناسىنىڭ زەربىسى بـىـلـەن زىـيـانـغـا ئۇچـرىـغـان پاراخوت، كېمە2705 كە يەتكەن.
سۇ مىناسىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ سۇدا ئۇزۇنغىـچـە يـوشـۇرۇنـۇپ تۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ دېڭىز تېررىتورىيىسىگە ئورۇنلاشتـۇرغـانـدا، مـۇداپىئە سـۇ مىناسى توسالغۇسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېڭىز بوغۇزى، سـۇ يـولـلـىـرىـنـى قامال قىلىپ، قۇرۇقلۇققا چىـقـىـشـقـا تـاقـابـىـل تـۇرۇش مـۇداپـىئەسـىـنـى كۈچەيتىدۇ. دۈشمەننىڭ دېڭىز تېررىـتـورىـيـىـسـىـگـە ئورۇنلاشـتـۇرغـانـدا، پوزىتسىيە سۇ مىناسى توسالغۇسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۈشمەننىڭ بازىسـى، پورتى ۋە سۇ يولىنى قامال قىلىپ، دۈشمەن پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكـىـتـىـگـە زەربە بەرگىلى ۋە ئۇنى چەكلىگىلى بولىدۇ.
سۇ مىناسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، ئىشلىتىلىشـى قـۇلايـلـىـق بـولـۇپ، پاراخوت، ئايـروپـىلانلار ئارقىلىق كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇشـقـا بـاب كـېـلـىـدۇ، ئۇنـى ئايرىم ئىشلىتىشكىمۇ، باشقا ھەربىي ياراغلار، ئەسكىرىـي كـۈچـلـەر بـىـلـەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىشقىمۇ بولىـدۇ، ئۇ دېـڭـىـز يۈزىدىكى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە جېڭىدىكى ئۈنۈملۈك ياراغ.
دۇنيادىكى سۇ مىنالىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، بىراق پارتـلـىـتـىـش قائىدىسىدىن ئېيتقاندا، مۇنداق ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولـىـدۇ: بـىـرى، تەگكەندىن كېيىن پارتلايدىغان سۇ مىناسى، بـۇ كـېـمـە، پـاراخـوتلارنـىـڭ تېگىشى بىلەن پارتلايدۇ، يەنە بىرى، تەگمىسىمۇ پارتلايدىغان سۇ مىنـالـىـرى بولۇپ، ئۇلار پاراخوت دېڭىزدا يۈرگەندە پەيدا قىلغان ماگنـىـت مـەيـدانـى، ئاۋاز مەيدانى، سۇ بېسىمى مەيدانى قاتارلىقلاردىن پايدىلىـنـىـپ، مـۇئەيـيـەن ئارىلىقتىلا پارتلايدۇ.