UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىھۇجۇممۇ، مۇداپىئەمۇ قىلالايدىغان تانكا

ھۇجۇممۇ، مۇداپىئەمۇ قىلالايدىغان تانكا

جەڭ قوراللىرى تانكا − ئوت كۈچى كۈچلۈك ، برونېسى مۇستەھكەم، ھەرىكىتى تېـز قۇرۇقلۇق جەڭ يارىغى. ئۇ خۇددى يوغان تاشپاقىغا ئوخشـاش بولۇپ، ئۇزۇن زەمبىرەك ستۋولى بەئەينى تاشپاقىنىڭ سوزۇلۇپ تۇرغان بېشىغا، مۇستەھكەم تاشقـى قېپى تاشپاقىنىڭ چىداملىق قېپىغا ئوخشـايـدۇ، ئۇنـىـڭ يـەنـە يـۈرىكى − ماتور ۋە ھەرىكەت ئۇزىتىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار بار. ئۇ ھەم قۇرۇقلۇقـتـا خالىغىنىچە يۈرەلەيدۇ، ھەم سـۇ ئۈستـىـدە ماڭالايـدۇ، سۇ ئاستىـدىـمـۇ يۈرەلەيدۇ. تانكا شوپۇر مەشغۇلات بۆلۈمى، جەڭ بۆلۈمى، ئېنېرگىيـە بـۆلـۈمـى ۋە ھەرىكەت ئۇزىتىش بۆلۈمىگە بۆلۈنىدۇ. ھەرقـايـسـى بـۆلـۈمـلـەردە شوپۇر، زەمبىرەك باشلىقى، تانكا باشلىقى ۋە ئوق باسقۇچى ئىـش تـەقـسـىـم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىپ، تانكىـنـىـڭ جـانـلـىـق ھـەم ھۇجـۇم قـىـلـىـش، قوغدىنىش قاتارلىق كۈچلۈك ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. تانكىنىڭ مۇكەممەل ئوت كونترول سىستېمىسى بـار. بۇ ئوت كونترول سىستېمىـسـى نـىـشـانـغـا ئالـغـۇچ، لازېـر دالنومېرى، ئېلېكترونلۇق ئوق يولى كومپيۇتېرى، قوش يۆنىلىشلـىـك مۇقىملاشتۇرغۇچ، كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى ۋە رادىئو سېنزورى ھەم ئېلېكترونلۇق ياكى ھىدراۋلىك مـەشـغـۇلات سىستېمىسى، تىزگىنلەش ۋە كۆزىتىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلاردىـن تەركىب تاپقان. مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، توختىغاندا ياكـى يۈرگەندە بولسۇن، ئېتىش يۆنىلىشى ۋە ئارىلىقىنى توغرا ھەم تېز بەلگىـلـەپ، زەمبىرەكنى دۈشمەن نىشانىغا تېزدىـن تـوغـرىلاپ، ئۇلارنـى گۇمران قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تانكىنىڭ برونېلەنگەن تاشقى گەۋدىسى ۋە زەمبىرەك مۇنـارىـدا نـۇرغـۇن كىچىك پەنجىرىلەر بار، بۇ پەنجىرىلەرگە پېرىسكـوپ، ئاكـتـىـپ ئىـنـفــرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى، كېچىسـى كـۆرىـدىـغان مـىـكـرو نۇرلۇق ئەسۋاب، پاسسىپ ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسـۋابـى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئوپتىـك ئەسـۋابلار نـۇرلۇق «كۆز» گە ئوخشاش، تانكا ئىچىدىكى كىشىلەرنى سىرتتىكى ھەممە نەرسـىـنـى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. تانكىـنـىـڭ يـەنـە بـىـر جـۈپ «تـۆمـۈر ئايىغى» − زەنجىرى بـولـۇپ، ئادەتـتىـكـى چـاقـلىـق ئاپـتـومـوبـىـللار ئۆتەلمەيدىغان جايدىنمۇ مۇشۇ «تۆمۈر ئايىغى» غا تايىنىپ ئۆتۈپ كېتەلـەيـدۇ ھەم80 سانتىمېتىردىن1 مېتىرغىچە بولغان تىك توسۇققا يامىشىپ چىقالايدۇ،5 .2 −3 مېتىر كەڭلىكتىكى خەندەكتىـن ئۆتـەلـەيـدۇ، °30 ئۆپچۆرىسىدىكى يانتۇلۇققا يامىشالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى