تورپېدا
جەڭ قوراللىرى
تورپېدا سۇ ئاستىدا ئۆزلۈكىدىن ئىلگىرىلەيدىـغان، چـوڭـقـۇرلـۇق ۋە يۆنىلىشنى ئۆزى تىزگىنلەيدىغان سۇ يارىغى. ئۇنىڭ شەكلى بېلـىـقـقـا ئوخشايدۇ ھەم بېلىققا ئوخشاش ئىلگىرىلەيدۇ.
تورپېدا تورپېدا بېشى، گەۋدىـسـى ۋە قـۇيـرۇقـىدىن ئىبارەت ئۈچ چـوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. تورپېدا بېشىـغـا لـىـق پـارتـلـىـتـىـش دورىـسـى قاچىلىنىدۇ؛ تورپېدا گەۋدىسىگە سىقىلغان ھاۋا، تاتلىق سۇ، يېقىلغـۇ يـاكـى باتارېيە، ئۇنىڭدىن باشقا ماتور قاچىلىنىدۇ؛ تورپېدا قۇيرۇقىـغا كۆندىلەڭ رول، تۈز رول، پىرقىرىغۇچ ۋە تورپېدا قانىتى ئورۇنلاشـتـۇرۇلـغـان. تورپېدانىڭ ئىچىدىكى زاپچاسلارنى رولىغا ئاسـاسـەن، ئېـنـېـرگـىـيـە مەنبەسى، چوڭقۇرلۇق، يۆنىلىش، پارتلاش سىستېمىـسـى ۋە دۈشـمـەن پاراخوتلىرىنى ئاپتوماتىك ئىـزدەش، ئىـزىـغـا چـۈشـۈشـتـە ئۆزى يـول باشلاش سىستېمىسىغا ئايرىشقا بولىدۇ.
تورپېدا، پاراخوتقا ئوخشاش، ماشـىـنـىـنـىـڭ ئىـتـتـىـرىـشـى بـىـلـەن ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە يېقىـلـغـۇ ۋە بـىـر ئاسـاسـىـي ئاپـپـارات، ئارقىسىغا پروپېللېر (پىرقىرىغۇچ) ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تورپېدا سۇغا كىرگەندىن كېيـىـن، ئاساسىي ئاپپارات ھەرىكەتكە كېلىپ، پروپېـلـلـېـرنـى ئايلانـدۇرۇپ، ئۇنـى سۇدا بەلگىلىك سۈرئەتتە ئىلگىرىلىتىدۇ.
تورپېدا قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى تورپېدا ئېتىش ئۈسكۈنىـسـى دەپ ئاتىلىدۇ. قويۇپ بېرىش ئېنېرگىيىسى ئىككى خىـل بـولـىـدۇ: بـىـرى، سىقىلغان ھاۋا، يەنە بىرى، پوروخ. تورپېدانىڭ تېز، توغرا قـويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسىدىن باشـقـا، پاراخوتقا تورپېدا قويۇپ بېرىشكە قوماندانلىق قىـلـىـش ئەسـۋابـى يـاكـى تورپېدا قارىغا ئېلىش ئۈسكۈنىسىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ھازىرقى زامـان پاراخوتلىرىدا يەنە ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېر ئورۇنلاشـتـۇرۇلـغـان بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تورپېدانىڭ قويۇپ بېـرىـلىشى باشقۇرۇلىدۇ، ھېسابلىنىدۇ، قارىغا ئېلىنىدۇ ۋە قويۇپ بېرىلىدۇ.
دۇنيادىكى تۇنجى تورپېدا1868 - يـىـلـى ئەنـگـلـىـيـىـلـىـك روبـېـرت ۋىتخايدېر ياسىغان سىقىلغان ھاۋانى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلـىـدىـغان تورپېدا ئىدى. ھازىر ھەرقـايـسـى ئەلـلـەر ئىـشـلـىـتـىـۋاتـقـان تورپېدالار، ئاساسەن، تۆۋەندىكىلەر: ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەيدىغان تورپېدا، بـۇ خـىـل تورپېدانىڭ سۈرئىتى45 ئۇزېل، مۇساپىسى18 مـىـڭ مـېـتـىـر، چـۆكـۈش چوڭقۇرلۇقى14 مېتىر بولۇپ،510 كىلوگـرام دورا قـاچـىـلـىـنـىـدۇ، سـۇ يۈزىدىكى پاراخوتلارغىلا ئېتىلىدۇ. ئۆزى يول باشلايدىغان تورپېـدا، بۇنىڭغا ئادەم قۇلىقىغا ئوخشاش ئۆزى يول بـاشلاش قـۇرۇلـمـىـسـى ئورۇنلاشـتـۇرۇلـغـان بولۇپ، تورپېدا سۇدا ئىلگىرىلىگەچ »تـىـڭـشـاپ« مـېـڭـىـپ، نـەچـچـە100 مېتىردىن نەچچە1000 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتىن دۈشمەن پاراخوتـىـنـى ئىزدەيدۇ ھەم تورپېدانى ئۆزلۈكـىـدىـن دۈشـمـەن پـاراخـوتـىـغـا قـاراپ مېڭىشقا باشلايدۇ.
يەنە بىر خىل ئاۋىئاتسىيە تورپېداسـى بـار. ئۇنىڭدا، رېئاكـتـىـپ مـاتـوردىـن چىققان گازدىن پەيدا بولغان ئەكس تەسىر كۈچتىن پايدىلىنىپ، تورپېدانـى بىۋاسىتە ئالغا ئىتتىرىدۇ. رېئاكتىپ تورپېدا ئېـلىپ مېڭىلغان ئايـروپـىلان دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشتا، ئېتىش نۇقتىسىغا كېلىپ تاشلىغاندىن كېيىـن، ئۇ بىر قاتار ئاپتوماتىك مەشغۇلاتلار ئارقىلىق، دۈشمەن پاراخوتىنـى تـاپـقـانـدا پارتلايدۇ، ئۇنىڭ دەللىك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى، قۇدرىتى ئىـنـتـايـىـن زور.
يەنە راكېتالىق تورپېدامۇ بار. ئۇ، تورپېدا بىلەن راكېتالـىـق ئىـتـتـىـرگـۈچتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇ، ئاساسەن، قوغلـىـغۇچى پـاراخـوت، قوغدىغۇچى پاراخـوتـقـا ئورۇنلاشـتـۇرۇلـۇپ، دۈشـمـەنـنـىـڭ سـۇ ئاسـتـى پاراخوتلىرىنى يوقىتـىـشـتـا ئىـشـلـىـتـىـلـىـدۇ؛ سـۇ ئاسـتـى پـاراخـوتـىـغـا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دۈشمەن سۇ ئاستى پاراخوتىغـا ھۇجـۇم قـىـلـىـشـقـىـمـۇ بولىدۇ. ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەيدىغان تورپېدانىڭ كەينىگە بـىـر تـال ئۆتكۈزگۈچ سىم ئېسىلغان بولىدۇ، ئۇ قويۇپ بەرگۈچى پاراخوتقا ئۇلىنىـدۇ، پاراخوتتا تۇرۇپ، تورپېدانى يىراقتىن تىزگىنلىگەندە، نىـشانغا دەل تەگكۈزگىلى بولىدۇ، بۇ سىملىق تورپېدا دەپ ئاتىلىدۇ.