UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىتۈتەك سىنارەدى

تۈتەك سىنارەدى

جەڭ قوراللىرى بىر پاي تۈتەك سىنارەدى كەڭلىكى10 −30 مېتىر، ئېگىزلىـكـى20 −50 مېتىر دائىرىدە20 −60 سېكۇنتقىچە داۋاملىشىـدىـغـان تـۈتەك پـەيـدا قىلىدۇ. ئەگەر بىرنەچچە پاي تۈتەك سىنارەدى قويۇپ بېرىلسە، بىـرقـەدەر كەڭ دائىرىدىكى قويۇق «تۈتەك تام» نى شەكىلـلـەنـدۈرۈپ، دۈشـمـەنـنـىـڭ كۆرۈش سىزىقىنى توسۇپ، دۈشمەننىڭ كۆزىتىش ئورنى، قومـانـدانـلـىـق ئورنى، زەمبىرەكچىلەر سېپى ۋە ئوت كۈچى نۇقتىسـىـدىـكـىـلـەرنـى ئەمـاغـا ئايلاندۇرۇپ، ئۆز ئارمىيىسىگە پايدىلىق جەڭ پۇرسىتـى يـارىـتـىـپ، قىسىمنىڭ يىغىلىشى، يۆتكىلىشى ياكى دۈشمەنگە يېقىنلىشىپ، تـۇيـۇقـسـىـز ھۇجۇم قىلىشىنى مۇھاپىزەت قىلغىلى بولىدۇ. تۈتەك سىنارەدىنى سـىـنـاق قىلىپ ئېتىشقا، نىشاننى كۆرسىتىپ بېرىشكە ۋە نىشان رايونىدىكى شـامـال سۈرئىتى، شامال يۆنىلىشى قاتارلىقلارنى ئېنقلاشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تۈتەك سىنارەدى پارتلاتقۇچ، مىشەك، تۈتەك چىقارغۇچ ۋە پارتلىـتـىـش نەيچىسىدىن تەركىب تـاپىـدۇ. سىنارەدنىڭ سـىـرتـقـى كـۆرۈنـۈشـى گراناتقا ئوخشاپ كېتـىـدۇ، ئادەتـتـە پـولات يـاكـى قاتتىق چويۇندىن ياسىلىدۇ، لېكىن چىداملـىـقـلـىـقـى يـۇقـىـرى ئەمـەس، ئۇنى ئازراق پارتلىتىش دورىسى بىلەنلا پارتلاتقىلى بولىدۇ. تۈتەك چىقارغۇچ تۈتەك پەيدا قىلىدىغـان بـىـر خـىـل مـاددا بـولـۇپ، ئادەتتە سېرىق فوسفور ئىشلىتىلىدۇ، گـۈڭـگـۈرت (Ⅵ) ئوكـسـىـد، خلورو سۇلفونىك كىسلاتا قاتارلىق ماددىلارنىمۇ ئىشلىتـىـشـكـە بـولـىـدۇ. سـېـرىـق فـوسـفـور كۆيگەندە تۈتەك پارچىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، تۈتەكنىڭ قويۇقلۇقى چـوڭ، يوشۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، ئىشلىتىـش دائىـرىـسـى كەڭرەك. پارتلىتىش نەيچىسى مېتالدىن ياسالغان بولۇپ، ئىچىـگـە پـارتلاتـقـۇچ دورا قاچىلىنىدۇ، ئۇ بومبا قېپىنى پارتلىتىدۇ ۋە تۈتۈن چىقارغـۇچـنـى قويۇپ بېرىدۇ. تۈتەك سىنارەدى نىشان رايونىغا ئېتىلغاندا، پارتلاتقۇچ بـومـبـا ئىچىدىكى پارتلىتىش دورىسىنى پارتلىتىدۇ، بۇنىڭ بـىـلـەن بـومـبـا قـېـپـى پارتلاپ ئېچىلىپ، تۈتەك ھاسىل قىلىدىغان سـېـرىـق فـوسـفـورنـى ھاۋاغـا چاچىدۇ، سېرىق فوسفور ھاۋا بىلەن ئۇچرىشـىـپلا ئۆزلـۈكـىـدىـن كۆيۈپ ئۈزلۈكسىز قويۇق تۈتەك پەيدا قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى