UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىئىس - تۈتەك بومبىسى

ئىس - تۈتەك بومبىسى

جەڭ قوراللىرى ئىس - تۈتەك بومبىسى يەنە تۇنجۇقتۇرۇش بومـبىـسـى، ھاۋا دولـقـۇنـى بومبىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىلمىي نامى «ھاۋا يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پارتـلـىـتىـش بومبىسى». بۇلۇتلىتىش بومبىسىنـىـڭ ئىـچىـدىـكـى سـۇيـۇق پارتلىتىش دورىسى ئېپوكسى ئېتان، پـروپىـل ئوكـسـىـد قـاتـارلـىـقلاردىـن تەركىب تاپىدۇ. ئادەتتە ئۇلار توپ ئوقى ياكى بـومـبـىـغا قاچىلىنىدۇ، زەمبىرەك ئارقىلىق نىـشـانـدىـكـى ھاۋا بـوشـلۇقـىـغـا ئېـتـىـپ چىقىرىلىدۇ ياكى ئايـروپىلاندىن نـىـشـانـدىـكـى بـوشـلـۇقـقـا تاشلىنىدۇ. ئىس - تۈتەك بومبىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئاۋۋال قـويـۇق ئىـس كۆتۈرۈلۈپ، نـەچـچـە ئون مـېـتـىـر دائىـرىـنـى قـاپلايـدۇ، ئارقـىـدىـنلا چوڭ دائىرىدىكى بۇلۇت پارتلاپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە كـۈچـلـۈك زەربە دولقۇنى پەيدا بولىدۇ ھەم ھاۋادىـكـى ئوكـسـىـگـېـنـنـى كـۆپـلـەپ سۈمۈرۈۋالىدۇ. يۇقىرى تېمپېـراتـۇرا ۋە زەربـە دولـقـۇنـى قـويـۇق چـاتـقـال ئورمانلىرىنى بىراقلا سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ، تـانـكـىلارنى ۋەيـران قـىـلـىـدۇ، كۆيىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كۆيىدۇ. ئوچـۇقـچـىـلـىـقتا تـۇرغـان ئادەملەرنى يا ئېغىر دەرىجىدە كۆيدۈرىدۇ يا زەربە دولقـۇنـى ئۇنـى خـېـلـى يىـراقـقـا تـاشـلـىـۋېـتـىـدۇ. ھىـم بـولمىـغان ئاكـوپ يـاكـى كـامـارلارغـا يوشۇرۇنۇۋالغانلارمۇ ۋاقتىنچە ئوكسىگېن يېتىشـمـەسـلـىـك تـۈپـەيـلـىـدىـن نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ.1967 - يىلى ئىس - تۈرەك بومبىسى تۇنجى قېتىم ۋيېتنام جەڭ مەيدانـىـدا پەيدا بولۇپ، دەرھال پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتـىـنـى تـارتـقان. ئەڭ دەسلەپتە بارلىققا كەلگەن ئىس - تۈتەك بومبىـسى ئانـا - بـالا شەكىللىك، يـەنـى، ئانـا بومبا ئىچىگە ئۈچ دانە سىنارەد قاچـىلانـغـان بـومـبـا ئىـدى. ھەر بـىـر بـالا بومبىغا ھاۋانى يېقىلغۇ قىلىدىغان نەچچـە10 كـىـلـوگـرام پارتلىتىش دورىسى قاچىلىنىدۇ ھەم پارتلاتقـۇچ، كاپسۇل ۋە داتـچـىـك قاتارلىقلار سەپلىنىدۇ. ئانا بومبا ئايـروپـىلاندىـن تـاشلىنىپ1 −10 سېكۇنتتىن كېيىن، پارتلاتقۇچ ئانا بومبىنى پارتلىتىـپ،3 دانـە بـالا بومبىنى قويۇپ بېرىدۇ، بالا بومبا قارشىلىق كۈچى پاراشۇتىـنـىـڭ رولـىـغـا تايىنىپ نىشانغا ئاستا - ئاستا يېقىنلاپ، بەلگىلەنگەن نىشاندىكى بـوشـلـۇقـتـا بىرىنچى قېتىم پارتلىشىدا سۇيۇق پارتلىـتـىـش دورىـسـىـنـى پـارتـلـىـتـىـپ چىقىرىدۇ. سۇيۇق پارتلىتىش دورىسى ھاۋاغا تارقىلىـدۇ ۋە دەرھال ھاۋا بىلەن ئارىلىشىپ، دىئامېتىرى تەخمىنەن15 مېتىر، ئېگىزلىكى4 .2 مـېـتـىـر كېلىدىغان ئىس - تۈتەكنى شەكىللەندۈرىدۇ. تەخمىنەن1 .0 سېكۇنتتىن كـېـيـىـن بالا بومبا ئىككىنچى قېتىم پارتلاپ، ئىس - تۈتەكنى پارتلىتىدۇ، بۇ چاغـدا كەڭ دائىرە ئىچىدە21 ئاتموسفېرا بېسىمىلىق پارتلاش بېسىم كۈچى ھاسىـل بولىدۇ. ئىس - تۈتەك بومبىسىنىڭ كەڭ دائىرىدە مىـنـا تـازىلاش، پـاراشـۇتـچـى قىسىملارغا قارشى تۇرۇشتا ئالاھىدە ئۈنۈمى بار.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى