UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىكۆيدۈرگۈچ ئوق

كۆيدۈرگۈچ ئوق

جەڭ قوراللىرى كۆيدۈرگۈچ ئوق، ئاساسەن، دۈشمەنـنـىـڭ يـىـراقـقـا قـۇرغـان ياراغ ئىمارەتلىرى، يېقىلغۇ ئامـبـىـرى، ئوق - دورا ئامـبـىـرى ۋە بـاشـقـا ھـەربىـي نىشانلىرىنى كـۆيـدۈرۈشتە ئىشلىتىلىـدىـغـان ياراغ بـولـۇپ، «ئۇچـىـدىـغـان چوغ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئوق، ئاساسەن، مىلتىق، زەمبىرەك ۋە راكېتا قاتارلىـق ياراغلار ئارقىلىق ئېتىپ چىقىرىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى دۆلەتـلـەر يـەنە «كۆپ خىل ئىقتىدارلىق» ياراغ سىستېمىسى يۈزلىنىشىگە ئىگە يېڭى تىپتىكى يېنىك، ئەپچىل ئېتىش ئۈسكۈنىلىرىنى تـەتـقـىـق قىلىپ ياسىدى، بۇ ئۈسكۈنىلەر كۆيدۈرگۈچ بومبا، تۈتەك بومبا، خىمىيىـۋى بـومـبـا ۋە پارتلىتىش بومبىسىنى قويۇپ بېرەلـەيـدۇ. كـۆيـدۈرگـۈچ ئوق ئىـچىـگـە قويۇقلاشتۇرۇلغان ئاليۇمىن ترىئاتسېتات كۆيدۈرگۈچ دورىسى قاچـىلانـغـان بولۇپ، ئەڭ يىراق ئېتىش مۇساپىسى800 مېتىر، يەككە ئوقنـىـڭ پـارتلاش رادىئۇسى10 −20 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قاتلىنىدىغان كۆيدۈرگـۈچـى گرانات ئېتىش ئەسۋابى بار بولۇپ، دىسكىغا30 دانە سېرىـق فـوسـفـورلـۇق كۆيىدىغان گرانات قاچىلىغىـلى بـولـىـدۇ، گـرانـاتـنـىـڭ دىئامـېـتـىـرى30 مىللىمېتىر، پارتلاش رادىئۇسى4 −5 مېتىر بولۇپ، ئۈنۈمـلـۈك ئېـتـىـش مۇساپىسى700 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئېتىش سۈرئىتى مىنۇتـىـغـا100 پايغا يېتىدۇ، جەڭدىكى ئومۇمىي ئېغىرلىقى30 −35 كىلوگرام. كۆيدۈرگۈچ ئوق ئىـچـىـگـە ئوت ئالـدۇرغـۇچـى دورا، ئېتىپ چىقىرىش دورىسى ۋە ئوت قويىدىغان دورا بۆلەكلىرى قاچىلىنىدۇ. ئېتىپ چىقىرىش دورىسى پارتلىغاندا، كۆيۈۋاتقان ئوت قويغۇچى دورا بۆلەكلىرى ئېتىلىپ چىقىـپ، نـۇرغـۇن ئوت مەنبەلىرىگە ئايلىنىـدۇ، ئېـتـىـش، پـارتلاش كـۈچـى ئوت قـويـغـۇچـى پارتلىتىش دورا بۆلەكلىرىنى نەچچە سانتىـمـېـتـىـر چـوڭـقـۇرلـۇقـتـىـكـى يـاغـاچلارغا كىرگۈزۈۋېتەلەيدۇ، ھەتتا نېپىز پولات تاخـتـايـنـى تـېـشـىـپ ئۆتەلەيدۇ. كۆيدۈرگۈچ ئوق، ئاساسەن، ھـاۋادىـكـى نـىـشانلارغـا تـاقـابـىـل تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئەڭ يېڭى كۆيدۈرگۈچ ئوقلارنىڭ برونېنـى تـېـشـىـپ ئۆتۈش، پارتلىتىش، كۆيدۈرۈش، نىشاننى كۆرسىتىپ بېرىش قاتـارلـىـق رولـى بـار. ھازىر ئايـروپـىلاندا ئىشلىتىلىۋاتـقـان پـىـلـىـمـوتلارغا كـۆيـدۈرگـۈچ ئوق ئىشلىتىلىدۇ. ئوق ئايـروپـىلاننىڭ ماي باكىنى تېشىپ ئۆتكـەنـدىـن كـېـيـىـن، ئۇنىڭ ئىچىدە دەرھال كۆيۈشكە باشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى