كارتېر
جەڭ پاراخوتلىرى
كارتېر پاراخوتلار ئارىسىدىكى «قىسقا يۈگۈرۈش چېمپىيونـى»، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى40 −60 ئۇزېلغا يېتىدۇ، شۇڭا، دېڭىـزدىـكـى چەۋەنداز دېگەن نامى بار. كارتېر، ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياراغلارنىڭ تۈرىگە ئاساسەن، تورپېدالىق كارتېر، بـاشـقـۇرۇلـىـدىـغـان سىنارەدلىك كارتېر ۋە باشقۇرۇلىـدىـغـان سىنارەد - تـورپېدالىق كارتېر قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.
كارتېرنىڭ جۇغى كىرىكرەك بولسىمۇ، لېكىن قـۇدرىـتـى كـىـچـىـك ئەمەس، رولى ئىنتايىن چوڭ. ئۇ يېقىن دېڭىز دائىرىسىگە تاجـاۋۇز قـىـلـىـپ كىرگەن چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى دۈشمەن پـاراخوتـلـىـرى، تورپېدا كارتېرلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد پاراخوتلىرىغا مـۇسـتـەقـىـل سەپ تۈزۈپ ھۇجۇم قىلىپ، شۇنىڭدەك باشقا پاراخوتلار بـىـلـەن ھەمـكـارلـىـشـىـپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن دۈشمـەنـنىـڭ چـوڭ - ئوتـتـۇرا تىپتىكى پاراخوتلىرىنى يوقىتالايدۇ. كارتېر بىلـەن دۈشـمەنـنىـڭ ترانسپورت پاراخوت ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ دېڭىز قاتـنـاش ترانسپورت لىنىيىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بولىدۇ. كارتېرنىڭ سۈرئىتى تېز، گەۋدىسى كىچىك، يوشۇرۇنۇشى ئەپلىك بولغاچقـا، دۈشـمـەن بازىسىغا، پاراخوت توختىتىش ئورنىغا ئۈنۈملۈك تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغىلى بولىدۇ، تېيىز سۇ يوللىرى، تار دېڭىز رايونلىرى، خادا تـاش رايـونلـىـرى قاتارلىق جايلاردا كارتېر بىلەن مىنا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
كارتېرلار ئىچىدە قۇدرىتى ئەڭ كۈچلۈكى باشـقۇرۇلـىـدىـغـان سىنارەدلىك كارتېر بولۇپ، ئۇ تورپېدالىق كارتېرنىڭ ئالاھىدىلـىـكـلـىـرىـگـە ۋارىسلىق قىلغان، دېڭىز ئۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنـغـا ئىـگـە. بـىـراق، ئۇنى چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى پاراخوتلار بىلەن سېـلـىـشـتـۇرغـانـدا، ئۆزىـنـى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىزراق، بوران، دولقۇنغا تاقابىل تۇرۇش ئىقـتـىـدارى ناچارراق بولۇپ، يېقىن دېڭىز رايونلىرىدا جەڭ قىلىشقىلا ماس كېلىدۇ.
زامانىۋى كارتېرلاردا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ياراغلىرى، كىچىك تىپتىكى ئىلغار ئېلېكترونـلـۇق ئۈسـكـۈنـىلەر، يـۇقـىـرى قـۇۋۋەتـلـىـك گـاز تۇربىنىسى ۋە سۇ قانىتى، يەل تاپان تېخنىكىسى ئومۇميۈزلۈك قوللىنـىـلـغـان بولۇپ، ئۇ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەشتۈرۈش، چوڭ تىپلىشىش، يۇقىرى سۈرئەتلىشىش، ئېلېـكـتـرونـلـىـشـىـش يۆنىلىشىگە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. كارتېرلار كەلگۈسـىـدىـكـى دېـڭـىـز ئۇرۇشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.