قوغلىغۇچى پاراخوت
جەڭ پاراخوتلىرى
قوغلىغۇچى پاراخوت سۈرئىتى تېز، ياراغلىرى خىل، ئىقتىـدارى كۆپ بولغان ئوتتۇرا تىپتىكى ئاساسىي سۇ ئۈستى جـەڭ پاراخوتى بولۇپ، ئاساسەن، دۈشمەن پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، قىرغاقتـىـكى نـىـشـانلارنـى توپقا تۇتۇش، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق جەڭلىرىگە ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ، شۇنىڭدەك چارلاش، مۇداپىئە، رازۋېدكا، ھاۋا مۇداپىئەسى، سۇ ئاستى پاراخوتـلـىـرىـغـا تاقابىل تۇرۇش، دېڭىز يۈزىنى قامال قىلىش ۋە دېڭىز يۈزىدە ياردەم بېرىـش قاتارلىق كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئەنئەنىۋى قوغلىغۇچى پاراخوتلار زەمبىرەك، تورپېـدا، چـوڭـقـۇر سـۇ ئاستىدا پارتلايدىغان بومبىنى ئاساسىي ياراغ قـىـلـغـان بـولـۇپ، ئوتـتـۇرا كالىبىرلىقتىن كىچىك كۆپ ئىستوۋۇللۇق زەمبىـرەك ھەم تـورپېدا ۋە سـۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ياراغلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلـغـان. ھازىـرقـى زامان قوغلىغۇچى پاراخوتلىرى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئاساسىي ياراغ قىلغان بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك قوغلىغۇچى پاراخوتلاردا پاراخوتتىن پاراخوتقا، پـاراخـوتتىن ھاۋاغا ۋە پـاراخـوتتىن سـۇ ئاستى پاراخوتـىـغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بەزىلىرىگـە يـەنە سـۇ ئاسـتـى پاراخوتلىرىغا قارشى تىك ئۇچار ئايـروپـىلان سەپلەنگەن.
ھازىرقى زامان سۇ ئاستى پـاراخـوتـلـىـرىـنـىـڭ پـاراخـوتـقـا قـارشـى تۇرۇشتىكى ۋاسىتىلىرى بارغانسېرى سەرخـىـللاشـقـاچـقـا، قـوغـلـىـغـۇچـى پاراخوتلارنىڭمۇ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كـەلـدى.70 - يـىـللاردىـن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يېڭى قوغلىغۇچى پاراخوتلىرىنـىـڭ سۇ سـىـقىـپ چىقىرىش مىقدارى4000 توننىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار باشقـۇرۇلـىـدىـغـان سىنارەد، تىك ئۇچار ئايروپىلان قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ياراغ ۋە ئېلېـكـتـرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەشكە يېتەرلىك ئىقتىدار ھازىرلىدى، شۇنداقلا دېڭىـزدا داۋاملىق يۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى ۋە تۇرالغۇ ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.