سۇ ئاستى پاراخوتى
جەڭ پاراخوتلىرى
سۇ ئاستى پاراخوتى سۇ ئاستىدا جەڭ قىلىدىغان پاراخوت بولۇپ،1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىزنالىرى كـۆرۈلـگـەن.2 - دۇنـيـا ئۇرۇشـىـدا سـۇ ئاسـتـى پاراخوتلىرى غايەت زور جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلىپ،300 دىن ئارتۇق چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى پاراخوتنى چۆكتۈرۈۋەتكەن، شۇنـىـڭ بـىـلـەن بـىـللە، تەخمىنەن5000 ترانسپورت پاراخوتىنى چۆكتۈرۈپ، تېز پـەيـدا بـولـۇپ، تېز غايىب بولىدىغان سۇدىكى ئەجدىھا دەپ ئاتالغان.17
- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گوللاندىيىلىك فىزىك نىللىس درېيېر دۇنيا بويىچە تۇنجى سۇ ئاستى پاراخوتىنى لايىھىـلـەپ چـىـقـقان. ئىـكـكـى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، سۇ ئاستـى پـاراخـوتى نـاھايـىـتـى تـېـز تەرەققىي قىلدى ھەم دائىمىي ئېنېرگىيىسى يـادرو ئېنېرگىيىسىگە ئۆزگەرتىلدى ھازىـر30 نـەچـچـە دۆلـەتـتـە سـۇ ئاسـتـى پاراخوتى بولۇپ، يادرو ئېنېرگىيىلىك سۇ ئاستى پاراخوتـى بارلار ئامـېـرىـكـا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىي200 دىـن ئارتـۇق يـادرو ئېنېرگىيىلىك سۇ ئاستى پاراخوتى بار. سۇ ئاستـى پـاراخـوتـىـنـىـڭ بـويـى پاكار ھەم كىچىك بولۇپ، سۇدا ھەم كـىـتـقـا، ھەم دېـلـفـىـنـغـا ئوخشاش بىمالال يۈرەلەيدۇ.
سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىككى قەۋەت قېپى بولـۇپ، تاشقى قېپى مۇقىم قەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمـان كـانـاي بولۇپ، سۇ ئاستىدا ئاساسەن دېڭىز سۈيىنىڭ بېسىمىغا تاقابىـل تـۇرىـدۇ. ئىچكى قېپى ئايرىغۇچى تاختاي ئارقىلىق ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، قوماندانلىـق بۆلمىسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا بۆلمى، تورپېدا بۆلمـىسى، ئەسـكـەرلـەر بـۆلـمـىسى قاتارلىق نۇرغۇن بۆلمىلەرگە ئايرىلىدۇ، ئىـچكى قـېـپـىـنـىـڭ ئىـكـكـى بـېـشى ھىملاقلىق بولۇپ، ھىملانغان ئۇزۇن سىلىندىرنى شەكىللەندۈرىدۇ.
سۇ ئاستى پاراخوتى دېڭىز ئاستىدا يۈرۈشتە رول قانىتىغا تايىنىدۇ، بـۇ ئۆرلەش - چۆكۈش رولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ سۇ ئاستى پاراخوتـىـنـىـڭ ئۆرلىشى - چۆكۈشىنى كونترول قىلىپ، سۇ ئاستى پاراخوتىنىـڭ سـۇدىـكـى چوڭقۇرلۇقىنى ساقلايدۇ ياكى ئۆزگەرتىدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتىنـىـڭ يـەنـە قۇيرۇق قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان رولى بولۇپ، بېلىقنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشاش، پاراخوتنىڭ ھەرىـكـەت يۆنىلىشىنى ئۆزگـەرتـىـدۇ يـاكـى سـاقلايـدۇ. ئادەتتە سۇ ئاستى پاراخوتلـىـرى دىـزېـل مـاتـور، ئېـلـېـكـتـر مـاتـورنـى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ، تېخىمۇ ئىلغارلىرىدا يادرو ئېنېرگىيىسـى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىنىدۇ.
سۇ ئاستى پاراخوتىغا سەپلىنىدىغان ياراغلار، ئاساسەن، سۇ مىناسى، تورپـېـدا ياكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەددۇر. جەڭدە ئاساسەن قۇرۇقلۇقتـىـكـى مـۇھىـم نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ، چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى پاراخوت ۋە ترانسـپـورت پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىدۇ، سۇ ئاستى پاراخوتىغا زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنـى ئورۇندايدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتى يەنە مىنا تـازىلاش، رازۋېـدكـا قـىـلـىـش، ترانسپورت ۋە دېڭىزدا قۇتقۇزۇش قاتارلىق ۋەزىـپـىلـەرنـى ئۈسـتـىـگـە ئالىدۇ