قوغدىغۇچى پاراخوت
جەڭ پاراخوتلىرى
قوغدىغۇچى پاراخوت ئەسلىدە قوغلىغۇچى پاراخوتـتـىـن كـىـچـىـك، سۈرئىتى ئاستا، ئوت كۈچى ئاجىز پاراخوت بولۇپ، ئاساسەن، ترانسپـورت پاراخوت ئەترىتى ھەم سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلـىـدىـغـان سـەپـلـەرنـى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى.60 - يىللاردىن ئېـتـىـبـارەن، قـوغـدىـغـۇچـى پاراخوت يەنە سۇ ۋە قۇرۇقلۇق جەڭلىرىگـە ئوت كـۈچـى يـاردىـمـى بـېـرىـش، چارلاش، مۇھاپىزەت قىلىش ۋە دۈشمەن پـاراخـوتـلـىـرىـغـا ھۇجـۇم قـىـلـىـش ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالدى.
باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك قوغدىغۇچى پاراخوتقا پاراخـوتتىن پـاراخـوتقا، پاراخوتتىن ھاۋاغا ۋە پاراخوتتىن سـۇ ئاسـتـى پـاراخوتىغا قويۇپ بېرىلىدىغان بـاشـقـۇرۇلـىـدىـغـان سىنارەدلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بەزىلىرىگە يەنە سۇ ئاستى پـاراخـوتـلـىـرىـغـا قارشى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاساسىي ۋەزىـپـىـسـى قوغداش، سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغـا قـارشـى تـۇرۇش، چـارلاش، مـۇداپـىئە قىلىش قاتارلىقلار. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك قوغداش پاراخوتلىرىنـىـڭ سۇ سـىـقـىـپ چىقىرىش مىـقـدارى1000 −4000 تـونـنـا بـولـۇپ، سائەتـلىـك سۈرئىتى25 −35 ئۇزېل.
يېنىك تىـپـتـىـكـى قـوغـدىـغـۇچـى پـاراخوتلاردا چـوڭ تـىـپـتـىـكـى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك پـاراخـوت ۋە قـوغـدىـغـۇچـى پـاراخـوتلارنـىـڭ ئالاھىدىلىكى ھازىرلانغان بولۇپ،3 - دۇنيا ئەللىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىـز ئارمىيىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئەتىۋارلىنىـدۇ. ئۇنـىـڭـغـا، ئاسـاسەن،76 مىللىمېتىردىن كىچىك كالىبىرلىق زەمبىرەك ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشـى ياراغلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سۇ سىقىپ چىقىـرىـش سـۇ مـىـقـدارى500 −1000 توننا، سۈرئىتى15 −30 ئۇزېل. ئاساسىي ۋەزىپىسى يېقىـن دېڭىز ئەتراپلىرىدا جەڭ قىلىش، شۇنىڭدەك چـارلاش، مـۇداپـىئە قىلىش، مـۇھـاپـىـزەت قىلىش، بېلىقچىلارنى قوغداش قاتارلىقلار.