UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ ئايروپىلانلىرىئاجايىپ سۇ ئۈستى ئايروپىلانى

ئاجايىپ سۇ ئۈستى ئايروپىلانى

جەڭ ئايروپىلانلىرى سۇ ئۈستى ئايـروپـىلانى دېڭىز يۈزىدە پاراخوتقا ئوخـشـاش يـۈرەلـەيـدۇ ھەم بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ كۆكتە ئۇچالايدۇ، يەنە سۇ ئۈستىگە قونالايدۇ. سۇ ئۈستى ئايـروپـىلانلىرىنىڭ، قۇرۇقلۇقتىكى ئايـروپـىلانلارغا ئوخشـاش، ئايـروپـىلان گەۋدىسى، قانىتى، ئېـنـېـرگـىـيـە قـۇرۇلـمـىـسـى، بـاشـقـۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇچۇش، قونۇش قۇرۇلمىلىرى بار، ئۇنىڭدىن بـاشـقـا يـەنـە كۆندىلەڭ يۆنىلىشتە مۇقىملاشتۇرۇلغان بىر جۈپ لەيلەش تەگلىـكـى بـار. ئۇ مـۇشۇنـداق قۇرۇلمىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، چايكىلارغا ئوخشاش، بىپايان دېڭـىـزدا ۋە كـۆكـتـە ھەرىكەت قىلالايدۇ. سۇ ئۈستى ئايـروپـىلانىنىڭ يەنە بەزى پەۋقۇلئاددە ئۈسكۈنـىـلـىـرىـدىـن لەڭگەر تاشلاپ توختاش ئۈسكۈنىسـى، دېـڭـىـزدا ھەرىـكـەت قـىـلـىـش ۋە دېڭىزدا قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار بولغاچقا، ئايـروپـىلان قۇتقـۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قۇتقۇزالايدۇ. دۇنيا بويىچە تۇنجى سۇ ئۈستى ئايـروپـىلانىنى فرانسىيىـلـىـك فـابـبـىـر1910 - يىلى تەتقىق قىلىپ ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قـازانـغـان. ئامـېـرىـكىـدا ئولتۇراقلاشقان جۇڭگولۇق مۇھاجىر تەن گېنمـۇ شـۇ يـىـلـى سـۇ ئۈسـتـى ئايـروپـىلانىنى لايىھىلەپ ياسىغان ۋە شۇ يىلقى دۇنيا ئەللىرى ئايـروپـىلان كۆرگەزمىسىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، سۇ ئۈستى ئايـروپـىلانى مۇسابىقىسىـدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. سۇ ئۈستى ھەربىي ئايـروپـىلانى يېقىن مۇساپىلىك ۋە يىراق مۇساپىلـىـك دېڭىز رازۋېدكا ئايـروپىلانى، پاراخوت رازۋېدكـا ئايـروپـىلانـى، زېنىت توپ ئورنىنى توغرىلاش ئايـروپـىلانى، مىنـا ئورۇنلاشـتـۇرۇش ئايـروپـىلانـى، سـۇ ئۈستىنى چارلاش ئايـروپىلانى ۋە تورپېدا ئايـروپـىلانىـنـى ئۆز ئىـچـىـگـە ئالىدۇ. ئۇ ئاساسەن رازۋېدكا قىلىش، چارلاش، سۇ ئاسـتـى پـاراخـوتـىـغـا تاقابىل تۇرۇش، ترانسپورت، بومباردىمان قىلىش، قـۇتـقـۇزۇش، ھاۋادىـن ئەسكەر تاشلاش ۋە نەرسە - كېرەك تاشلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جەڭ ئايروپىلانلىرى
ئاجايىپ سۇ ئۈستى ئايروپىلانى | UyghurWiki | UyghurWiki