UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ ئايروپىلانلىرىسۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايروپىلان

سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايروپىلان

جەڭ ئايروپىلانلىرى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆز كارامىتىـنـى كـۆرسـەتـكـەن سـۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئەمدى كۈچلۈك «دۈشمەن» − سۇ ئاستى پاراخـوتـىـغـا قارشى ئايـروپـىلانغا دۇچ كەلدى. سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايـروپـىلان تېـز، ھەرىكەتچان بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچـىـدە يـۇقـىـرىـدا تـۇرۇپ چـوڭ دائىرىدە ئاختۇرالايدۇ ۋە ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن سۇ ئاسـتـى پاراخوتىغا قارشى بومبا قويۇپ بېرىدۇ ياكى تاشلايـدۇ، ھەتـتـا ئەڭ يـېـڭـى تىپتىكى يادرو تورپېداسىنى قويۇپ بېرىدۇ. تۈرلۈك سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشـى ئايـروپىلانلارنـىـڭ تـاشـقـى شەكلى ئوخشاش ئەمەس، ئۇلارنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتـلـىـرىـغـا تـاقـابـىـل تۇرۇشتا ئۆزلىرىگە خاس «ئاجايىپ ھۈنەر» لىرى بار. سۇ ئاستى پاراخوتىـغـا قارشى سۇ ئۈستى ئايـروپـىلانلىـرى سـۇ ئاسـتـى پـاراخـوتـلـىـرىـغـا قـارشـى ئەسكىرىي كۈچنىڭ بىرى. ئۇ تۆۋەن بوشلۇقتـا ئاسـتـا ئۇچـۇپ دېـڭـىـزنـى چارلايدۇ، سـونـار، رادار قـاتـارلـىـق سـۇ ئاسـتـى پـاراخـوتـىـنـى ئىـزدەش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئىزدەيدۇ، بايقىـغـان ھامـان دەرھال ئۆزى ئېلىپ ماڭغان تورپېدا، چۆكمە بومبا قاتارلىق سۇ ئاستـى پـاراخـوتـىـغـا زەربە بېرىش ياراغلىرىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم باشلايدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تىك ئۇچار ئايـروپىلانلار، ئاسـاسـەن، ئاسما سونار قاتارلىق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئىزدەش ئۈسكۈنـىـلـىـرى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تورپېدا قاتارلىق ھۇجۇم ياراغلىرىنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، بوشلۇقتا توختاپ تۇرالايدىغان ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاسما سونـارنـىـڭ ئېنېرگىيە ئالماشتۇرغۇچىسىنى سۇنىڭ مەلۇم چوڭـقـۇرلـۇقـىـغـا سـېـلـىـپ، دۈشمەن سۇ ئاستى پـاراخـوتـىـنـى ئىـزدەيـدۇ ھەم مـۇۋاپـىـق پـەيـتـتـە، تورپېدا بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. قىرغاقتىن قويۇپ بېرىلىـدىـغـان سـۇ ئاسـتـى پـاراخـوتـىـغـا قـارشـى ئايـروپـىلان سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى بارلىق ئايـروپـىلانلار ئىچىـدىـكـى ئاجايىپ ماھارەتلىك ئايـروپـىلان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىـرى سائەتلىك سـۈرئىـتـى500 −800 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، نىشان رايـونـىـغـا تـېـزدىـن ئۇچۇپ بېرىش، تۆۋەن بوشلۇقتا ئاستا ئۇچۇپ نىشاننى ئىزدەش مـاھارەتـلىرى بار، سۇ ئاستى پاراخوتىنى بالدۇر بايقىيالايدۇ، ئۇزاق ۋاقىت كۆزىتـەلـەيـدۇ ۋە ئۇدا ئىز قوغلىيالايدۇ، ھەرقانداق ھاۋا شارائىتىدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغـا ئىگە. پاراخوتقا سېلىنىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشـى ئايـروپـىلان − سـۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى جەڭ قىلىشتىكى زەربىدار كۈچ. ئۇنـى ئاۋىئامـاتـكـا بازىدىن يىراق ئوكيانغا ئېلىپ بېرىپ، سۇ ئاستى پاراخـوتـىـغـا قـارشـى جەڭ قىلىدۇ. ئايـروپـىلانغا سونار لەيلىمە بـەلـگـىـسـى، رادار، مـاگـنـىـتـلـىـق تەكشۈرۈش ئەسۋابى، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلـىـق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى ئۈسكۈنىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىـڭـدىـن باشقا تورپېدا، سۇ مىناسى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغـا ھۇجـۇم قـىـلـىـدىـغـان پەۋقۇلئاددە ياراغلار سەپلەنگەن. ئۇنىڭ ئۇچۇش، تۆۋەنلەش سۈرئىتى تېـز، سۇ ئاستى پاراخوتىغا توساتتىن زەربە بېرىشى ئاسان بولغاچقـا، سـۇ ئاسـتـى پاراخوتى قارشىلىشىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جەڭ ئايروپىلانلىرى
سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايروپىلان | UyghurWiki | UyghurWiki