UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ ئايروپىلانلىرىسىگنالچى ئايروپىلان

سىگنالچى ئايروپىلان

جەڭ ئايروپىلانلىرى سىگنالچى ئايـروپـىلان رازۋېدكا، مۇداپىئە، قوماندانلـىـق قاتارلىق ۋەزىـپـىـلـەرنـى تـېـز سـۈرئەتـتـە تـوغـرا ئورۇنـدايـدۇ، بەزىلىرىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىمۇ بار. دۈشمەننىـڭ دەخـلـى-تـەرۇزىـغـا ئۇچرىغاندا، خۇددى ئادەتتىـكـى كـۈرەشـچـى ئايـروپـىلانلارغـا ئوخـشـاش، ھۇجۇم قوزغاپ دۈشمەننى يوقىتىدۇ. سىگنالچى ئايـروپـىلاننىڭ دۈمبىسىدە گۈمبە شەكىللىك يۇمىلاق تەخسە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلغار ئېلېكترونلۇق رازۋېدكا ئۈسكۈنىـسـى − دۈشمەن بىلەن ئۆزنى پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىـسـى ۋە نازۇكلۇق دەرىجىسى يۇقىرى، سانلىق مەلۇماتلارنى يۇقـىـرى سـۈرئەتـتـە بـىـر تەرەپ قىلالايدىغان بىر يۈرۈش كومپيۇتېر سىستېمىسى ئورۇنلاشتـۇرۇلـغـان. ئۇ جەڭ داۋامىدا، خۇددى ئۇچۇۋاتـقـان زور ئىـمـارەتـتەك، ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇزاق مۇددەت توختىيالايـدۇ. ئىـلـغـار ئېـلېـكـتـرونـلـۇق رازۋېـدكـا ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىـنـىـپ ،ھەرقـانـداق كـىـلـىـمـات شـارائىـتـىـدا،900 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى نىشاننى تەكشۈرەلەيدۇ، بـىـرلا ۋاقـىـتـتـا100 گە يېقىن، ھەتتا نەچچە100 نىشاننى ئىز قـوغـلـىـيـالايـدۇ ھەم يـەر يۈزىدىكى تانكا، زەمبىرەكلەرنىڭ يۆتكىلىشى، دېڭىزدىكـى پـاراخـوتلارنـىـڭ ھەرىكىتى ۋە ھاۋا بوشلۇقـىـدىـكـى ئايـروپـىلانلارنىڭ ئۇچـۇش ئەھۋالـى قاتارلىقلارغا دائىر ئىشلارنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ كومپيۇتېر سىستېمىسـىـغـا كىرگۈزۈپ، تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىدۇ، يەر يـۈزىـدىـكـى قـىـسىـملار سىگنالچى ئايـروپـىلاندىن دۈشمەن بىلەن ئۆزىمـىـزگـە دائىـر ئەھۋاللارنى ھەر ۋاقىت توپلاپ، تاكتىكىنى ۋاقتىدا تەڭـشـەپ، دۈشـمەنـگـە دەل ۋە قاتتىق زەربە بېرەلەيدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى سىگنالچى ئايروپىلانـنـى ئەڭ بۇرۇن تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن ۋە جابدۇندۇرغان.1945 - يىلـنـىـڭ ئاخـىـرىدا ئۇلار A1-C كىچىك تىپتىكى ترانسپورت ئايـروپىلانـىـغـا ئۆزگـەرتـىـش كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا يېڭى تىپـتـىـكـى ئېـلـېـكـتـرونلۇق ئۈسـكـۈنـىـلـەرنـى قۇراشتۇرغان،1948 - يىلى3 - ئايدا سىـنـاق ئۇچـۇشـتـا مـۇۋەپپەقـىـيـەت قازىنىپ، نامىنى B1-E «ئىز قوغلىغۇچى» دەپ بـېـكـىـتـكـەن، بـۇ دۇنـيـا بويىچە پاراخوتقا سېلىنغـان تـۇنـجـى سـىـگـنـالچى ئايـروپـىلان.1949 - يىل6 - ئاينىڭ9 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ قـۇرۇقـلـۇقـتـىـن ئۇچىدىغان چوڭ تىپتىكى سىگنالچى ئايـروپـىلانـى بـارلـىـقـقـا كەلدى. ھازىر دۇنيا بويىچە بىرقەدەر ئىـلـغـار سـىـگـنـالچى ئايـروپىلانلاردىن ئەنگلىيىنىڭ «ئوۋ مەستانىسى» سىگـنالچى ئايـروپـىلانى، روسىيىنىڭ «مۇخ» سىگنالچى ئايـروپـىلانى ھەمـدە ئامېرىكىنىڭ C2-E «قارچىغا كۆزى» سىگنالچى ئايروپىلانـى بار.
← بارلىق تېمىلار جەڭ ئايروپىلانلىرى