UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ ئايروپىلانلىرىسۇ ئاستى ئايروپىلانى

سۇ ئاستى ئايروپىلانى

جەڭ ئايروپىلانلىرى ئالىملار توساتتىنلا سۇ ئاستىدىن چىقىپ كۆككە كۆتۈرۈلىدىـغـان ھەم كۆكتىن سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ دېڭىزغا كىرىدىغان بىر خىل ئايـروپـىلانـنـى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ. بۇ خىل ئايـروپـىلان سۇ ئاستى ئايـروپـىلانـى دەپ ئاتىلىدۇ. سۇ ئاستى ئايـروپـىلانىنىڭ پرىنسىپى سۇ ئاستى پاراخـوتـىـنـىـڭـكـىـگـە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سۇ ئاستى ئايـروپـىلانى سۇغا چۆكمـەكـچـى بـولـغـانـدا، كلاپاننى ئاچىدۇ، ئايـروپـىلاننىڭ سۇ بۆلمىسىگە مـۇئەيـيـەن مـىـقـداردا سـۇ قاچىلىنىپ، ئېغىرلىقى لەيلىتىش كۈچىـدىـن ئاشـقـانـدا، ئايـروپـىلان سـۇغـا چۆكىدۇ، سۇ ئۈسـتـىـگـە كـۆتـۈرۈلـمـەكـچـى بـولـغانـدا، ئايـروپـىلان سـۇ بۆلمىسىدىكى سۇنى چىقىرىۋەتسىلا، ئېغىرلـىـق كـۈچـىـدىـن چـوڭ بـولـغـان لەيلىتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىدۇ. سۇ ئاستى ئايـروپـىلانى سۇغا چۆككەندە، رېئاكـتـىـپ مـاتـور بـۆلـۈمـى ھىملانغان بولغاچقا، سۇ چىقىرىۋېتىلىشى بىلەنلا تېزدىن ھەرىكەتـلـىـنـىـدۇ. سۇدا يۈرگەندە، ئاساسەن سـۇدىـكـى ئىـتـتـىـرىـش قـۇرۇلـمـىـسـىـنـىـڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. ئۇچقۇچى ئايـروپـىلانـنـىـڭ سۇدىن كۆتۈرۈلۈشى، سۇغا چۆكۈشى، بۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرىكەتلىرىـنـى باشقۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئايـروپـىلان سۇدا بىمالال ھەرىكەت قىلـىـدۇ. سـۇدا خېيىمخەتەرگە ئۇچرىغاندا، ئايـروپـىلاندىكىلەر سۇدىن ئېتىلىپ چىقىپ ئۆزىنى قۇتقۇزىدۇ. سۇ ئاستى ئايـروپـىلانى، ئاساسەن، سـۇ ئاسـتـى پـاراخـوتـىـغـا قـارشـى تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تـۇرۇشـتـا، سـۇ ئاسـتـى ئايـروپـىلانى سۇ ئاستىغا چۆكۈپ، سـۇ ئاسـتـى پـاراخـوتـىـنـىـڭ ھەرىـكـەت ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ، دۈشمەننىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنـى ۋاقـتـىـدا بـايـقايـدۇ، ئىز قوغلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. سۇ ئاستى ئايـروپـىلانـىـنـىـڭ بوشلۇقتا ئۇچۇش، سۇ يۈزىدە ھەرىكەت قىلىش ۋە سۇ ئاستىدا يۈرۈشـتـەك ئۈچ چوڭ ماھارىتى بار.
← بارلىق تېمىلار جەڭ ئايروپىلانلىرى