تىك ئۇچار ئايروپىلان
جەڭ ئايروپىلانلىرى
تىك ئۇچار ئايـروپـىلاننىڭ ئۆزگىچە قانىتى − ئۈستىدىكـى يـوغـان قىلىچسىمان ياپراقلار پروپېـلـلـېـر دەپمۇ ئاتـىـلـىـدۇ. تـىـك ئۇچـار ئايـروپىلان مۇشۇ پەۋقۇلئاددە قانىتىغا تايىنىپ تـىـك كـۆتـۈرۈلـىـدۇ، تـىـك قونىدۇ ۋە بوشلۇقتا توختاپ تۇرالايدۇ. تىك ئۇچار ئايـروپـىلانـنـىـڭ يـەنـە غەلىتە قۇيرۇقى بولۇپ، بۇ ئۇزۇن قۇيرۇقـىنـىـڭ ئۇچى ئۈسـتـىـگـە قايرىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك پروپېللېر ئورۇنلاشـتـۇرۇلـغـان، ئۇنىڭ ئايلىنىش ئوقى يەر يۈزى بىلەن پاراللېل بولۇپ، كېمىـنـىـڭ رولـىـغـا ئوخشاش، تىك ئۇچار ئايـروپـىلاننى ئوڭ ۋە سولغا قايرىش رولىنى ئوينايدۇ.
ھەربىي ئىشلاردا تىك ئۇچار ئايـروپـىلان زىـيـادە تـۆۋەن بـوشـلـۇقـتـا ئۇچۇپ، ئادەتتىكى ئايـروپـىلانلار ئۈستىگە ئالالمايدىغان ۋەزىپىلـەرنـى ئىـجـرا قىلىدۇ. ئۇ توختىماي ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز يـۈزىـدە تـوخـتـاپ، دۈشمەننىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە ئىز قـوغلايـدۇ، چۆكمە بومبا ياكى تورپېدا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قـاتـارلـىـقلارنـى قـويـۇپ بېرىدۇ. تىك ئۇچار ئايـروپـىلان ئۇزاق ۋاقـىـت تـۆۋەن بـوشـلـۇقـتا ئاسـتـا سۈرئەتتە ئۇچۇپ، مىنا تازىلايدۇ ۋە مىنا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭغا زامانىـۋى ياراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، قۇدرەتلىك «كۆكتىكى تانكا» غا ئايلىنىدۇ.
ھەربىي تىك ئۇچار ئايـروپـىلانلار ئىشلىتىلىشىنىڭ ئوخشىمـاسـلـىـقـىـغـا ئاساسەن، كۆپ ئىقتىدارلىق ترانسپورت تىك ئۇچار ئايـروپـىلانى، ياراغلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان، سـۇ ئاسـتـى پـاراخـوتىـغـا قـارشـى تـىـك ئۇچـار ئايـروپـىلان، تانكىغا قارشى تىك ئۇچار ئايـروپـىلان، رازۋېدكا - خەۋەرلىشـىـش تىك ئۇچار ئايـروپـىلانى قاتارلىقلارغـا ئايـرىـلـىـدۇ. ئۇ ھازىرقى ئۇرۇشـلاردا زور رول ئوينىغاچقا، «كۆكتىكى ئاجازىرقىايىـپ ئەسـكـەر»، «سـۇ ئاسـتـى پاراخوتىغـا قـارشـى بـاتـۇر»، «زەربـىـدار بـاتـۇر»، «ئايـروپـىلاندىن تاشلاش ئاۋانگارتى» دەپ ئاتالدى.
دۇنيادا بىرقەدەر ئىلـغـار ياراغلىق تـىـك ئۇچـار ئايـروپـىلانلاردىـن ئامېرىكىنىڭ64 - HA «ئارپاچ»، «كۆزەينەكلىك يىلان» ياراغلىق تـىـك ئۇچار ئايـروپىلانى ۋە A60-HU تىپلىق يېنىك تىپـتـىـكـى تـىـك ئۇچـار ئايـروپـىلان، روسىيىنىڭ24 -GM، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە بىـرلـىـكـتـە تەتقىق قىلىپ ياسىغان «مولۇن»، «بۆكەن» قاتارلىقلار بار.