UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ ئايروپىلانلىرىبومباردىمانچى ئايروپىلان

بومباردىمانچى ئايروپىلان

جەڭ ئايروپىلانلىرى بومباردىمانچى ئايـروپـىلاننىڭ كۆپىنچىلىرى ئاۋازدىن ئاستا ئۇچىدىـغـان ئايـروپـىلانلار بولۇپ، تۈرلۈك بومبا، تورپېدا، يادرو سىنارەد تاشـلـىـيالايـدۇ ياكى ھاۋادىن يەرگە باشقۇرۇلىدىغان بـومـبـا قـويۇپ بـېـرەلـەيـدۇ، بـومـبـا قاچىلاش مىقدارى ئىنتايىن چوڭ. يېنىك تىـپـتـىـكـى بـومـبـاردىـمانـچـى ئايـروپـىلانلار3 −5 توننا؛ ئوتتۇرا تىپتىكىلىرى5 −10 توننا؛ ئېغىر تىپتىكىلىرى10 −30 توننا بـومـبـا ئېلىپ ماڭالايدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىـنـىـڭ52 -B ئايـروپـىلانى نـەچـچـە سېكۇنت ئىچىدىلا108 دانە بومبا تاشلىيالايدۇ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىـتـىـش دائىرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1500 مېتىر، كـەڭـلـىـكـى400 مـېـتىـر، بـومـبـا پارتلىغان ئازگاللارنىڭ ئارىلىقى15 −20 مېتىر بولۇپ، ھەربىر ئازگالنىـڭ دىئامېتىرى6 −7 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى3 مېتـىـرچـە كـېـلـىـدۇ. ئوتـتۇرا - كىچىك تىپتىكى شەھەرلەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغان بولسا، بـىـرنـەچـچـە بومباردىمانچى ئايـروپـىلان نەچچە10 توننا بومبا تـاشلاپلا ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ. بومباردىمانـچـى ئايـروپـىلانـنـىـڭ بـومـبـا تـاشلاش شـەكـلـى تـۆۋەن بوشلۇقتىن تاشلاش، ئوتتۇراھال بوشلۇقتىن شۇڭغۇپ تاشلاش، يـۇقـىـرى بوشلۇقتا گورىزونتال بومباردىمان قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىـچـىـگـە ئالـىـدۇ، ھازىـر دۇنيا بويىچە بىرقەدەر ئىلغار بومباردىمانچى ئايـروپـىلانلاردىن ئامېرىكـىـنىڭ1 -B، A2-B،52 -B، روسىيىنىڭ26 -UT لەر بار.
← بارلىق تېمىلار جەڭ ئايروپىلانلىرى