UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ ئايروپىلانلىرىئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان

جەڭ ئايروپىلانلىرى ئۇچقۇچىسىز ئايـروپـىلان ئۇچقۇچى بولمىسىمۇ، ئۇچقـۇچـى بار ئايـروپـىلانلارغا ئوخشاش، بوشلۇقتا ئەركىن پەرۋاز قىلالايـدۇ.1917 - يىلى، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇچقۇچىسىز ئايـروپـىلاننى لايىھىلەشكە باشلىغـان.1934 - يىلى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى تۇنجى بولۇپ ئۇچقۇچىسىـز ئايـروپـىلاننى قارىغا ئايـروپـىلانى ئورنىدا ئىشلىتىپ، قـىـرغـۇچـى ئايـروپـىلان ئۇچقۇچىلىرى ۋە زېنىت توپچىلىرىنى مەشىق قىلدۇرغان.2 - دۇنيا ئۇرۇشىـدا، ئۇچقۇچىسىز بومباردىمانچى ئايـروپـىلان بارلىققا كەلدى، يېقىنقـى يـىـللاردىـن بۇيان، خەلقئارادا يېڭى تىپتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇچقۇچىسىز ئايـروپىلانلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، شۇنىڭدەك قىسمەن دائىرىلـىـك ئۇرۇشلاردا غـايەت زور رولىنى جارى قىلدۇردى. ئۇچقۇچىسىز ئايـروپـىلان يىراقتىن تىزگىـنلەش يـاكى ئۆز - ئۆزىـنـى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئۇچىدۇ. تىزگىنلـەشنىڭ بۇ خىل ئۇسـۇلـى يـىـراقـتـىـن تىزگىنلىنىدىغان ئاپتوموبىل، پاراخوت ۋە ئاۋىئاتسىيە مـودېـلـلـىـرى يـاكـى ئاۋاز، ماگنىت مەيدانـى ئارقـىـلـىـق كـونـتـرول قـىـلـىـنـىـدىـغـان بـالـىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ قائىدىسىـگـە ئوخـشـايـدۇ، ئۇلار بـىـرقـەدەر مـۇرەكـكـەپ، خالاس. مۇنداقچە قىلىپ ئېيـتـقـانـدا، ئۇچـقـۇچـىـسـىـز ئايـروپـىلانـنـىـڭ بەلگىلەنگەن ئۇچۇش لىنىيىسى بويىچە ئۇچۇشىغا يىراقتىـن قـومـانـدانـلـىـق قىلىش ئۇچۇشنى يىراقتىن تىزگىنلەش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تىزگىنلـەش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، يىراق مۇساپىلىك قوماندانلىق پونكىتى، يەنى يىراقتىـن تىزگىنلەش پونكىتى بولۇشى ھەمدە ئۇچقۇچىسىز ئايـروپـىلان بىلـەن مـۇكەمـمـەل سىستېمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پونكىتتىكى مەشـغـۇلات قـىـلـغـۇچـى خادىملار رادىئو بۇيرۇقىدىن پايدىلىنىپ سىستېما ئارقىلىق ئۇچـقۇچـىـسـىـز ئايـروپـىلانغا تۈرلۈك بۇيرۇقلارنى ئەۋەتىپ، ئۇچقۇچىسـىـز ئايـروپـىلانـنـىـڭ بەلگىلەنگەن لىنىيە بويىچە ئۇچۇشىغا قوماندانـلـىـق قـىـلـىـدۇ. يـىـراقـتـىـن تىزگىنلەش ئۇسۇللىرى ئىنتايىـن كـۆپ بـولـۇپ، سـىـمـلـىـق يـىـراقـتـىـن تىزگىنلەش، سىمسىز يىراقتىن تىزگىنلـەش، ئاۋاز ئارقىـلـىـق يـىـراقـتـىـن تىزگىنلەش، ئوپتىكىلىق يىراقتىن تىزگىنلەش قاتارلىـقلار بـار. بـۇلارنـىـڭ ئىچىدە سىمسىز يىراقتىن تىزگىنلەش ئەڭ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئۇچقۇچىسىز ئايـروپـىلان يەنە ئۆزىنى ئۆزى تىزگىنلـەپ ئۇچـالايـدۇ. بـۇ خىل تىزگىنلەپ ئۇچۇش شەكلىدە ئايـروپـىلان سىرتىدىكى قـومـانـدانـلـىـق پونكىتىغا تايىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، بارلىق ھەرىكەتلەرنى ئايـروپـىلانـدىـكـى ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېر سىستېمىسى ئۆز ئالدىغا تاماملايدۇ. ھازىرقى زامان ئۇچقۇچىسىز ئايـروپـىلانلىرىنىڭ، ئادەم بـاشـقـۇرىـدىـغـان ئايـروپـىلان بىلەن سېلىشتۇرغـانـدا، ھەجـمـى كـىـچـىـك، ئەپـچـىـل، تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، ئايـروپـىلان پاچاقلىنىپ كەتسىمۇ ئادەم خېيىـمـخـەتـەرگـە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئىنتايىن خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئۈستـىـگـە ئېلىشقا ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئادەم ھەيـدەيـدىـغـان ئايـروپـىلان قـىلالـمـايـدىـغـان ئىشلارنى قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
← بارلىق تېمىلار جەڭ ئايروپىلانلىرى