UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ ئايروپىلانلىرىزەربىدار ئايروپىلان

زەربىدار ئايروپىلان

جەڭ ئايروپىلانلىرى زەربىدار ئايـروپـىلان ھاۋادا يېـقـىـن ئارىـلىـقـتىن يـاردەم بـېـرىدىغان، يـەر يۈزىدىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان تاكتىكىلىق ھۇجۇم تىپىدىـكـى ئايـروپـىلان بولغاچقا، ھۇجۇمچى ئايـروپـىلان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زەربىدار ئايـروپـىلاننىڭ تۆۋەن بوشلـۇق، زىـيـادە تـۆۋەن بـوشـلـۇقـتـا ئۇچۇش ئىقتىدارى ياخشى بولغاچقا، يەر يۈزىدىكى كىچىكرەك نـىـشـانلارنـى توغرا پەرقلەندۈرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلالايدۇ. بۇ خـىـل ئايـروپـىلان كۆپ خىل ياراغلارنى ئېلىپ ماڭـغـاچـقـا، ئۆزىـنـى قـوغـداش ئىـقـتـىـدارى كۈچلۈك، مۇھىم قىسىملىرىدىن، مەسىلەن، ئۇچقۇچى بۆلمـىـسـى، مـاتـور قىسىملىرىدا برونلاشقان مۇھاپىزەت بولغاچقا، كىچىك كالـىبـىرلـىـق ھاۋا مۇداپىئە ياراغلىرىغا تاقابىل تۇرالايدۇ. بەزى زەربىدار ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش - قونۇش ئىقتىدارىمۇ ياخشى بولۇپ، ئۇچۇش - قونۇشىغا لازىـمـلـىـق ئۇچۇش - قونۇش يولى مۇساپىسى بىرقەدەر قىسقا،1200 مېتىر كېلىدىـغـان سېمونت ئۇچۇش يولى ياكى ئاددىي يوللاردىمۇ ئۇچۇپ قونالايدۇ. زەربىدار ئايـروپـىلاننىڭ ئادەتتىكى سۈرئىتـى سـائىـتـىـگـە700 −800 كىلومېتىر، بەزىلىرىنىڭ ئاۋاز سـۈرئىـتـىـدىـن تېز؛ ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇش ئېگىزلىكى15 مىڭ مېتىر، ئەڭ يىراق مۇساپـىـسـى1500 كىلومېتىردىن3000 كىلومېتىرغىچە. ئۇنىڭ مۇنداق ئىـكـكـى ئاسـاسىي ۋەزىپىسى بار. بىرى، تۆۋەن بوشلۇقتـا يـاكـى زىـيـادە تـۆۋەن بـوشـلـۇقـتـا ئۇچۇپ، دۈشمەننىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسـۈپ ئۆتـۈپ، دۈشـمـەنـنـىـڭ ئوپېراتسىيە ئارقا سېپىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ يەنە بىرى، قىسـقـا مـۇسـاپـىـلـىـك ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىـلـىـپ، جـەڭ مـەيـدانـىغا يېقىن ھاۋا بـوشـلـۇقـىـدا يـەر يۈزىدىكى جەڭگە بـىـۋاسـىـتـە مـاسـلـىـشـىـپ، دۈشـمـەنـنـىـڭ يـەر يـۈزى قىسىملىرى، ئوت كۈچى نۇقتىلىرى ھەم تـانـكـا، بـرونېۋىك قـاتـارلـىـق نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىدۇ ۋە ئوققا تۇتىدۇ. زەربىدار ئايـروپـىلان دېڭـىـز ئارمىيىسى ھاۋا ئارمىيە قىسمىنىڭ ئاساسىي ھۇجـۇم قـورالـى، ئۇ تورپېدا، ھاۋادىن پاراخوتقا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە تـۈرلۈك بـومـبـىلارنـى ئېلىپ مېڭىپ، دۈشمەننىڭ دېڭىزدىكى پـاراخـوتـلـىـرىـغـا زەربـە بـېـرىـپ، ئۆز دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. زەربىدار ئايـروپـىلاننىـڭ ئۈچ خـىـل تـۈرى بـار: مـەخـسـۇس يـېـقـىـن ئارىلىقتىكى ھاۋادىن ياردەم بېرىدىغان زەربـىـدار ئايـروپـىلان، مـەسـىـلـەن، ئامېرىكىنىڭ10 -A، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوۋېت -25 ، ئەنگلـىـيـە، فرانسىيە بىرلىشىپ ياسىغان «ئامېرىكا قىتئەسى يولۋىسى»؛ قىسقا ئارىلىـقـتـا تىك ئۇچۇپ - قـونـىـدىـغـان ھۇجـۇمـچـى ئايـروپـىلان، مەسىلەن، ئەنگلىيىنىڭ «قۇرغـۇي» تـىـپـلـىـق ھۇجـۇمـچـى ئايـروپـىلانـى؛ ياۋروپانىڭ مەشىق ھۇجۇمچى ئايـروپـىلانى، مەسىلەن، فرانسىيە، گېرمـانـىـيـە بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن «ئالفا رېئاكتىپ ئايـروپـىلان».
← بارلىق تېمىلار جەڭ ئايروپىلانلىرى
زەربىدار ئايروپىلان | UyghurWiki | UyghurWiki