قىرغۇچى ئايروپىلان
جەڭ ئايروپىلانلىرى
بۇ، ئاساسەن، ھاۋا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىدىغـان ئايـروپـىلان بـولـغـاچـقـا، جەڭ ئايـروپـىلانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
قىرغۇچى ئايـروپـىلان ھازىرقى زامـان ھاۋا ئارمىيىسىدىكى ئەڭ ئاساسىي ئايـروپـىلان تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاسـاسـىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىسى كـىـچـىـك، سـۈرئىـتـى تـېـز، ئۇچـۇش سـۈرئىـتـى كۆپىنچىلىرىنىڭ ئاۋاز تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بەزىلىرىنىـڭ سـۈرئىـتـى ئاۋاز سۈرئىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يېتىدۇ، ئاز ساندىكىـلـىـرىـنـىـڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يېتىدۇ. ئادەتتە ئېگىزرەك ئۇچىدۇ، ئەڭ ئېگىز بولغـانـدا18 مـىـڭ مېتىردىن20 مىڭ مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگـە كـۆتـۈرۈلـۈشـى تـېـز، ھەرىكەتچانلىقى ياخشى. بەزى قىرغـۇچى ئايـروپـىلانلارغـا ئىـلـغـار ئېـلـېـكـتـرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈرلۈك ھاۋا رايى شـارائىـتـلـىـرىـدا بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ جەڭ قىلالايدۇ.
قىرغۇچى ئايـروپـىلان، ئاساسەن، ئېلىشقۇچـى جەڭ ئايـروپـىلانى، توسۇپ زەربە بەرگۈچى ئايروپـىلان ۋە بومباردىمانـچـى قىرغۇچى ئايـروپـىلاندىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئېلىشقـۇچـى جەڭ ئايـروپـىلانىـنـىـڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى دۈشمەن جەڭ ئايـروپىلانلىرى بىلەن بـوشـلـۇقـتـا ئېلىشىپ، ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولـغـا كـەلـتۈرۈش ۋە ساقلاش. توسۇپ زەربە بەرگۈچى ئايـروپىلان ئاساسەن ھاۋا مۇداپـىئەسـى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دۈشمەننىڭ بومباردىمانچى ئايروپـىلانـى ۋە مۇھاپىزەتچى جەڭ ئايـروپـىلانلىرىغا توسۇپ زەربە بېرىدۇ. بومباردىمانچى قىرغۇچى ئايـروپـىلاننىڭ ئاساسىي ۋەزىپىـسـى ئوپېـراتـسـىـيە سـېـپـىنىڭ ئىچكى نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلار.
ھازىرقى زامان جەڭ ئايـروپـىلانلىرىنىـڭ تـۈرى كـۆپ، ئىـقـتـىـدارى ياخشى. مەسىلەن، جەڭ بومباردىمانچى ئايـروپـىلانى قىرغۇچى ئايـروپـىلاننى ئاسـاس قىلغان بولۇپ، يەرگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن، بومبا ئېلىپ يۈرمىگەندە، قىرغۇچى ئايروپىلان بولىدۇ، ھازىرقى زامـاندىكـى ئادەتـتـىكـى قىرغۇچى ئايـروپـىلانلارنىڭ يەرگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، يەر يۈزىدىكى نىشانلارنى بومباردىمان قىـلىدۇ. ئامېرىكـىنىڭ14 -F،15 -F،16 -F تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانـلىرى، روسىـيىنىڭ23 -GM،29 -GM،31 -GM ھەم فرانسىيىنىڭ «سايە2000» تىپلىق ئايروپىلانلىرى دۇنيادىكى بىرقەدەر ئىلغار ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھېسابلىنىدۇ.1941
- يىل12 - ئاينىڭ7 - كۈنى سەھەردە، ياپونىيـە100 دىـن ئارتـۇق ئايـروپـىلان چىقىرىپ ئامېرىكىنىڭ پـېئارل خـاربـوردىـكـى دېـڭـىـز ئارمىيە بازىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ،1 سائەت50 مىـنـۇت ئىـچـىـدىلا تـۈرلـۈك پاراخوتلاردىن20 نەچچىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن، ئامېرىكـىـنـىـڭ كـۈرەشـچـى ئايـروپـىلانىدىن180 نەچچىنى پارتلىتىـۋەتـكـەن، ئامـېـرىـكـا ئوفـىـتـسـېـر - ئەسكەرلىرىدىن4500 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان، مانا بۇ دۇنيانـى زىلزىلىگە سالغان«پېئارل خاربور ۋەقەسى». قىرغۇچـى ئايـروپـىلانلار بـۇ تۈردىكى ھۇجۇملارنىڭ باش پېرسوناژى .