UyghurWiki
UyghurWikiئىسلام دىنىسۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپى

سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپى

ئىسلام دىنى ئىسلام دىنىدا جەمئىي80 دىن ئارتۇق مەزھەپ بار. بۇنىڭ ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭى سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپى. مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەرەب ھۆكۈمران گۇرۇھلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇنىڭ ئورنىغا »ۋارىسلىق قىلىش« مەسىلىسىدە ئېغىر ئىختىلاپ تۇغۇلغان؛ مۇھەممەد پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ مەدىنىدىن مەككىگە كۆچۈپ كەلگەن مۇسۇلمانلار (مۇھاجىرلار) بىلەن مەدىنىدىكى ئەگەشكۈچىلەر (ئەنسارىلار) ساھابىلەر بولۇپ تەشكىللىنىپ، سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئەبۇ بەكر قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ تەرتىپ بويىچە ۋارىسلىق قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان؛ مۇھەممەد پەيغەمبەر تۇغۇلغان ھاشىم جەمەتىدىكىلەر بولسا پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى، كۈيئوغلى ئەلىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىنى ھەمدە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا ساھابىلەر غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىختىلاپ بۇنىڭلىق بىلەن ھەل بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن، مۇسۇلمانلار سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپىدىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. سۈننىي مەزھىپى ساھابىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ چوڭ مەزھەپ ھېسابلىنىدۇ. «سۈننىي» ھەدىسكە ئەمەل قىلىدىغانلار دېگەنلىك بولۇپ، ئىخلاسمەنلىك دېگەن مەنىسىمۇ بار. ئۇلار مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش داۋامىدىكى تۈرلۈك سۆز - ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى «سۈننەت» تۇر، مۇسۇلمانلار ئادا قىلىشقا تېگىشلىك پەرزدۇر، قانۇننىڭ مەنبەسىدۇر، دەپ قارىغان. سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تۆت ئاساسلىق ئەگەشكۈچىسىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرىدۇر، دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەشەببۇسى ئىسلام دىنى دۆلەتلىرىنىڭ ۋە كۆپ ساندىكى ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. شۇ سەۋەبتىن، سۈننىي مەزھىپى ئىزچىل تۈردە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن. ئادەتتە، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ مەزھەپكە تەۋە، ئېلىمىزدىكى مۇسۇلمانلارمۇ شۇنداق. سۈننىي مەزھىپى بىلەن قارىمۇقارشى ئورۇندا تۇرىدىغىنى شىئە مەزھىپىدۇر. «شىئە» نىڭ ئەسلىي مەنىسى ئەگەشكۈچى، دېگەنلىك بولۇپ، مەخسۇس4 - ئەۋلاد خەلىپە (يەنى «ئورۇنباسار») ئەلىنى ھىمايە قىلغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەر ئەلى ئەزەلدىن خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئەۋلىيا، يەنە كېلىپ ئاللاھ ئۇنى مەڭگۈ ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئەلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئورۇنباسارلارنى «ئىمام» دەپ ئاتايدۇ. «ئىمام» دېگەن سۆز ئالىي مۇرشىد، شەيخ، پادىشاھ دېگەن مەنىدە. مىلادىيە898 - يىلى، شىئە مەزھىپىنىڭ12 - ئەۋلاد ئىمامى مۇھەممەد ئەھمەد مەھدى تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن شىئە مەزھىپىدىكىلەر ئاللاھ ئۇنى كىشىلەر بىلمەيدىغان يەرگە يوشۇرۇپ قويدى، ئۇ كەلگۈسىدە قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە ئىنسانلار ئارىسىغا قايتىپ كېلىدۇ، دەپ قارىغان ھەمدە ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن. مىلادىيە1502 - يىلى، ئىسلام دىنىنىڭ بۇ مەزھىپى ئىراندا دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن، ئىرانمۇ شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا شىئە مەزھىپىنىڭ پائالىيەت مەركىزىگە ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار ئىسلام دىنى