UyghurWiki
UyghurWikiئىسلام دىنىنەسرىدىن ئەپەندى

نەسرىدىن ئەپەندى

ئىسلام دىنى نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ نامى ئىسلام دۇنياسىغىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگودىمۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق، كىشىلەر ئۇنى ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن نەسرىدىن ئەپەندى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان شەخس بولۇپ قالغان، لېكىن ئۇ تارىختا ھەقىقەتەن ياشاپ ئۆتكەن رېئال ئادەمدۇر. ئۇ13 - ئەسىردە تۈركىيىدە ياشىغان بولۇپ، ھازىر تۈركىيىدە قەبرىسى بار، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدىمۇ ئۇنىڭ ئىلگىرى ئولتۇرغان ئۆيى ساقلىنىپ كەلمەكتە. نەسرىدىن ئەپەندى ئەسلىدە ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئىلاھىيەتشۇناستۇر، شۇنداقلا ناھايىتى بىلىملىك، يۇمۇرلۇق، قىزىقچى، دۇرۇس، ئاق كۆڭۈل، ھەققانىيەتچى ئالىمدۇر. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇ ئۇزۇن ساقال - بۇرۇت قويۇپ، بېشىغا سەللە ئوراپ، ۋىجىك ئېشەككە مىنىپ يۈرىدىغان ئادەم ئىكەن. ئۇ كىشىلەرگە مۇنداق ئېيتقانىكەن: ئېشەككە ئالدىمچىلاپ مىنسەم، خەقلەرگە كەينىپ بولۇپ قالىدىكەن، خەقلەر ئالدىمدا مېڭىپ قالسا، مەن ئۇلارنىڭ دۈمبىسىنىلا كۆرەلەيدىكەنمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە ئېشەككە تەتۈر مېنىپ ماڭسام ھەم خەقلەر بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ ماڭالايدىكەنمەن، ھەم يولۇمدىنمۇ قالمايدىكەنمەن. نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ نۇرغۇن لەتىپىلىرىدە ئەمگەكچان خەلقنىڭ ئىشچانلىقى، باتۇرلۇقى ۋە ئەقىل - پاراسىتى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن. تۈركىيىدە نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ قەبرىسى مۇقەددەس دىنىي سورۇنغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، قىز - يىگىتلەر بۇ يەردە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن، ئاغرىق - سىلاقلار بۇ يەرگە كېلىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ، ئاللاھدىن كېسىلىگە شىپالىق تىلەيدىكەن. نەسرىدىن ئەپەندى ھايات چېغىدا ئەرەبچە «مەن كۆردۈم» دېگەن خەتنى يېزىپ قويغان بولۇپ، خەلق ئارىسىدا كۆز ئاغرىقى بارلار ئۇنىڭ قەبرىسىدىكى توپىنى كۆزىگە سۈرتسە شىپا قىلىدىكەن، دېگەن گەپ بار.
← بارلىق تېمىلار ئىسلام دىنى
نەسرىدىن ئەپەندى | UyghurWiki | UyghurWiki