روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت
ئىسلام دىنى
روزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيت ئىسلام دىنىدىكى نۇرغۇن ھېيت - بايراملار ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ ئۆزگىچە ھېيتلاردۇر.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھىجرىيە كالېندارىنىڭ9 - ئېيىدا ئاللاھ «قۇرئان كەرىم» نى پەرىشتە جەبرائىل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاغزاكى يەتكۈزگەنىكەن. مىلادىيە623 - يىلى، مۇھەممەد پەيغەمبەر مەدىنىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن،9 - ئاينى رامزان ئېيى قىلىپ بېكىتىپ، مۇرىتلىرىنىڭ بىر ئاي روزا تۇتۇشىنى بەلگىلىگەن. رامزان ئېيىدا مۇسۇلمانلار ھەر كۈنى تاڭ سەھەردىن كۈن ئولتۇرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېغىزىغا ھېچ نەرسە ئالمايدۇ ۋە ئەر - خوتۇنلار يېقىنچىلىق قىلمايدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاللاغا بولغان ئىخلاسمەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە شۇ بىر يىلدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىدىن مەغپىرەت بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رامزاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنىنى بېكىتىشتە، ھىلال ئاي چىققان كۈن ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ھىلال ئاي چىقسا، ئەتىسى پەرھىزنى توختىتىپ ھېيت قىلىشقا بولىدۇ؛ ھىلال ئاي چىقمىسا، رامزان تۇتۇش داۋاملاشتۇرۇلىدۇ، لېكىن رامزاننى ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت ئۈچ كۈنلا ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
روزا ھېيتتا مۇسۇلمانلار ئۇدا بىرنەچچە كۈن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تەنتەنە قىلىشىدۇ. تۇنجى كۈنى، پاكىز يۇيۇنۇپ - تارىنىپ، ھېيتلىق كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىپ، ئەتىگەندە كوللېكتىپ ھېيت نامىزى ئوقۇيدۇ، ئىمامنىڭ ۋەز - نەسىھىتىنى ئاڭلايدۇ. مەسچىتتىن چىققاندىن كېيىن، ئاۋۋال ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارا، ئاندىن دوست - بۇرادەر، يېقىن - يورۇقلار ئارا بىر - بىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پەتە ئوقۇپ ھېيتلىشىدۇ، ئۆزئارا تەبرىكلىشىدۇ. ساڭزا، پوشكال دېگەندەك ئېسىل تائاملارنى تەييارلاپ ھېيت پەتىچىلىرىگە ئېغىز تەگكۈزىدۇ، بىر - بىرىگە سوۋغا - سالام تەقدىم قىلىشىدۇ، يەنە قەبرىستانلىققا چىقىپ، قازا قىلىپ كەتكەن ئۇرۇق - تۇغقان، يېقىن - يورۇقلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ.
قۇربان ھېيت ھىجرىيە كالېندارى بويىچە12 - ئاينىڭ10 - كۈنى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھىجرىيە كالېندارى بويىچە12 - ئاينىڭ بېشى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج - تاۋاپ قىلىدىغان كۈنى بولۇپ، ھەج - تاۋاپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، مۇسۇلمانلار قوي، كالا، تۆگە قۇربانلىق قىلىپ ھېيت قىلىدۇ. بۇ ھېيتنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار:
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئاللاھ ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇنى ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىپ نەزىر بېرىشكە بۇيرۇپتۇ. ئىسمائىل ئۆزىنىڭ ئاللاھ بىلەن دادىسىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ، قۇربانلىق قىلىنىشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەتىسى سەھەردە ئوغلى ئىسمائىلنى مەككىنىڭ يېنىدىكى مىنا تېغى جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بوينىغا پىچاق سۈرمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، ئاللاھدىن: سەن ئۆزۈڭنىڭ ئىخلاسمەنلىكىڭنى كۆرسىتىپ بولدۇڭ، ئەمدى ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا قوينى قۇربانلىق قىلساڭ بولىدۇ، دەپ ۋەھىي كەپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مۇسۇلمانلار ئاللاھغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەر يىلنىڭ شۇ كۈنى مال - ۋاران قۇربانلىق قىلىپ نەزىر بېرىدىغان بوپتۇ. جۇڭگودىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر قۇربان ھېيتتا ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش قاتارلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.