قۇرئان كەرىم
ئىسلام دىنى
«قۇرئان كەرىم» ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كالامى. «قۇرئان» نىڭ مەنىسى «ئوقۇماق» دېگەنلىك بولۇپ، مۇرىتلىرىدىن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قىرائەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلام مۇرىتلىرى ئۇنىڭغا نۇر، ھەقىقەت، ئەقىل - پاراسەت، پەرھىز، ۋەھىي، ئاللاھ ئاتا قىلغان مۇقەددەس كالام، مۇقەددەس كالاملارنىڭ ئانىسى دېگەندەك نۇرغۇن چىرايلىق مەدھىيە ناملىرىنى بەرگەن.
«قۇرئان كەرىم» دە جەمئىي30 پارە،114 سۈرە،6300 دىن كۆپرەك ئايەت بار بولۇپ، «مەككە بۆلىكى» ۋە «مەدىنە بۆلىكى» دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. ئۇ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ23 يىللىق دىن تارقىتىش جەريانىدا، «ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى» سۈپىتىدە كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلغان نۇتقىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش مەزگىلىدە، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى كۆپ ئىلاھقا چوقۇنىدىغان مۇرىتلار، يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرى ۋە خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بەس - مۇنازىرىسىنىڭ بايانلىرى؛ ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى تارقىتىش؛ ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە ئېتىكا ئۆلچەملىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ يەنە نۇرغۇن رىۋايەت، قىسسە، ناخشا - قوشاق، ماقال - تەمسىل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا، «قۇرئان كەرىم» پارچە - پارچە خاتىرىلەنگەن. كېيىن, بىرىنچى ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغۇچى خەلىپە ئەبۇ بەكر پەرمان چۈشۈرۈپ يىغىپ رەتلەتكۈزگەن. ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغۇچى خەلىپە ئوسمان دەۋرىگە كەلگەندە، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مۇقىم نۇسخىسى تۈزۈپ چىقىلغان، بۇ نۇسخا ھازىرغىچە ساقلىنىپ، تارقىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ تارىختا «ئوسمان نۇسخىسى»، «مۇقىم نۇسخا» دەپ ئاتالغان.
«قۇرئان كەرىم» دىكى نۇرغۇن بەلگىلىمىلەر، مەسىلەن، چوشقا گۆشى يېمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، پاكىز يېمەكلىكلەرنى يېيىش، مېيىتنى پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇپ - تاراش، ئاق لاتا بىلەن كېپەنلەپ يەرلىككە قويۇش قاتارلىقلار ئۇزۇندىن بېرى ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئورتاق ئۆرپ - ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن.