مەككىدىكى ھەج - تاۋاپ ۋە كەئىبىدىكى ھەجەرۇل ئەسۋەد
ئىسلام دىنى
مەككىگە بېرىپ ھەج - تاۋاپ قىلىش ئىسلام دىنىدىكى بىر تۈرلۈك دىنىي پەرز پائالىيىتى. ئىسلام دىنىدا تېنى ساغلام، ئىقتىسادىي شارائىتى يار بېرىدىغانلىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئۆمرىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم مەككىگە بېرىپ ھەج - تاۋاپ قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. ھەج - تاۋاپ قىلغانلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە «ھاجى» (تاۋاپ قىلغۇچى دېگەن مەنىدە) دېگەن ھۆرمەت نامى قوشۇلىدۇ، بۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنتايىن شەرەپلىك ئىش.
مەككە شەھىرى سەئۇدىي ئەرەبىستانىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ بەرپاچىسى مۇھەممەد پەيغەمبەر تەۋەللۇت بولغان يەر، شۇنداقلا ئىسلام دىنى تارقالغان يەر. مەككىدىكى چوڭ مەسچىت ئىسلام دىنىدىكى ئۈچ چوڭ مەسچىت (قالغان ئىككىسى مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتى بىلەن ئېرۇسالىمدىكى ئەقسا مەسچىتى) نىڭ بىرى. مۇسۇلمانلار مەككىگە بېرىپ ھەج - تاۋاپ قىلغاندىن سىرت، ھەر كۈنلۈك نامازنىمۇ مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ ئوقۇيدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە: «مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىنا قىلىنغان ئەڭ قەدىمكى مەسچىت دەل مەككىدىكى ئاشۇ تەۋەررۈك بەيتۇللادۇر، ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ قىبلىسىدۇر» دېيىلگەن.
بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى75 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا500 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. بۇ مەسچىتنىڭ ئەسلىي25 ئىشىكى بار بولۇپ، كېيىن64 كە كۆپەيتىلگەن. «قۇرئان كەرىم»دە: بۇ مەسچىتنىڭ ئىچىدە ئوۋ قىلىشقا، جان - جانىۋارلارنى ئۆلتۈرۈشكە، ئۇرۇش - جېدەل قىلىشقا ۋە باشقا ھەرقانداق گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ھازىر جىددەدىن مەككىگە بارىدىغان يولدا «مۇسۇلمان ئەھلىدىن باشقىلارنىڭ كىرىشىگە بولمايدۇ» دېگەن خەت يېزىلغان بىر تاختاي بار، بۇ مەنئى قىلىش پەرمانى1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.
بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەئىبە بار، كەئىبىنىڭ شەرقىي جەنۇبى تېمىغا بىر قارا تاش قويۇلغان، ئۇ ئەسلىدە بىر پارچە مېتېئورىت تاش بولۇپ، قەدىمكى ئەرەبلەر كۆككە چوقۇنغاچقا، ئاسماندىن چۈشكەن بۇ تاشنى مۇقەددەس تاش − ھەجەرۇل ئەسۋەد دەپ بىلگەن. مۇھەممەد پەيغەمبەر مۇرىتلىرىنى باشلاپ مەككىگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق بۇتلارنى چاقتۇرۇۋېتىپ، پەقەت ئاشۇ قارا تاشنىلا قالدۇرۇپ قويغان ھەمدە ئۇنى جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان تەۋەررۈكى قىلىپ بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن، بۇ مۇقەددەس قەسىر كاتتا مەسچىتكە ئايلانغان، مەككىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ مۇقەددەس زېمىنلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان. ئەينى چاغدا مۇھەممەد پەيغەمبەر بۇ قارا تاشنى سۆيگەنىكەن. شۇڭا، مۇسۇلمانلار ئۇنى سۆيۈشنى سۈننەت دەپ بىلىدۇ.