ئىسلام دىنىنىڭ بەرپا قىلىنىشى
ئىسلام دىنى
مۇھەممەد پەيغەمبەر توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالى خەدىچەنىڭ قوللىشى بىلەن، دائىم ئۆزى يالغۇز مەككىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ھىرا غارىغا بېرىپ ئىستىقامەت قىلغان، ئىزدەنگەن ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزگەن. ئۇ ھىرا غارىغا ھەرقېتىم بارغاندا ئون نەچچە كۈن تۇرغان، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېتەرلىك ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىۋېلىپ يەنە غارغا بېرىپ ئىستىقامەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ بۇ خىل ئىستىقامەت تۇرمۇشى كىشىلەردە بىر خىل سىرلىق تۇيغۇ پەيدا قىلغان.
ئەينى چاغدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلى ئىجتىمائىي كرزېسقا پېتىپ قالغان بولۇپ، كىشىلەر بەس - بەستە ئەسلىدىكى دىنىي ئېتىقادتىن ۋاز كېچىپ، يەھۇدىي دىنى، خرىستىئان دىنى ياكى قەدىمكى پارسلارنىڭ زەردۇشت دىنىغا كىرىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى، ئاممىنىڭ پېسىخىكىسى ۋە تۈرلۈك دىنىي ساۋاتلارنى پىششىق بىلىشتەك ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى دىننى ئىجاد قىلىش قارارىغا كەلگەن. ئون نەچچە يىل جاپالىق باش قاتۇرۇش ئارقىلىق، بىر يۈرۈش مۇكەممەل سىياسىي ۋە دىنىي ئىدىيە ئاخىر پىشىپ يېتىلىپ روياپقا چىققان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام40 ياشقا كىرگەن يىلى (610 - يىلى)، ئۆزىگە ئاللاھدىن ۋەھىي كەلگەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ئۆزىنى نەبى (پەيغەمبەر) قىلىپ تاللىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنى ئىنسانلار ئارىسىغا «رەسۇل» (ئەلچى) قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلۇقى، ئىنساننىڭ بارلىقىنى ئاللاھ ئاتا قىلىدىغانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ھايات ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنغانلارنىڭ ئۆلگەندە جەننەتكە كىرىدىغانلىقى، بولمىسا دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۆزى ئىجاد قىلغان بۇ دىننى «ئىسلام» (ئىتائەت قىلىش دېگەن مەنىدە)؛ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى «مۇسۇلمان» (ئىتائەت قىلغۇچى دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان.
مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىسلام دىنىنى تارقىتىشتىن ئىلگىرى، مەككىدە كۆپ ئىلاھلىق دىن ئەۋج ئالغان بولۇپ، بۇ دىن بىر خۇدالىق ئىسلام دىنى بىلەن خۇددى ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايتتى. ئىسلام دىنىنىڭ تەشەببۇسلىرى تەرغىب قىلىنىپلا قالسا، مەككىدىكى ئەنئەنىۋى دىنلار مۇقەررەر ھالدا تەھدىتكە ئۇچرايتتى، ئۇلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى مەككە بازىرىمۇ كرىزىسقا پېتىپ قالاتتى. شۇڭا، دەسلەپكى ئۈچ يىلدا، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىسلام دىنىنى پەقەت ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە يېقىن - يورۇقلىرى ئارىسىدىلا مەخپىي تارقاتقان. ئۈچ يىل ئۆتۈپ مۇرىتلىرى كۆپەيگەندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا مەككىدىكى ئاھالىلەرگە كەڭ دائىرىدە ئاشكارا تارقىتىشقا باشلىغان.
مىلادىيە615 −616 - يىللىرى، مەككىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيىتى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان.620 - يىلى، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قابىل قوللىغۇچىلىرى − ئايالى بىلەن بوۋىسى ئارقا - ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.622 - يىلى، مۇھەممەد پەيغەمبەر ساھابىلىرىنى باشلاپ مەدىنە (پەيغەمبەر شەھىرى)گە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ يىلى كېيىنچە ھىجرىيە كالېندارىنىڭ باشلانغان يىلى قىلىنىپ، تارىختا كەڭ كۆلەمدە كۆچۈش دېگەن مەنىدە »ھىجرەت« دەپ ئاتالغان.
مۇھەممەد پەيغەمبەر مەدىنىگە بارغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىنى تەرتىپكە سېلىش بىلەن بىللە، قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ، سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشكەن دىنىي ئۇيۇشما − ئۈممە قۇرغان. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا65 قېتىملىق چوڭ -كىچىك ئۇرۇش (غازات)نى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن،27 قېتىملىقىغا ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقا. مىلادىيە630 - يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر10 مىڭ ئادەمنى باشلاپ مەككىگە قايتىپ كېلىپ، كەئىبىدىكى بارلىق بۇتلارنى چاقتۇرۇپ تاشلىغان، پەقەت قارا تاشنىلا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تاۋاپ قىلىشى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان. شۇنداق قىلىپ، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەرەبلەرنىڭ پەيغەمبەر پادىشاھى بولۇپ قالغان، ئىسلام دىنىنىڭ ئەرەبلەر ئارىسىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقى تۇرغۇزۇلغان.
مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئىسلام دىنىنى تارقىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان، ئىسلام دىنى8 - ئەسىردە ئاخىر ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەدىن ھالقىغان دۇنياۋى دىنغا تەرەققىي قىلغان.