UyghurWiki
UyghurWikiئىسلام دىنىئىسلام دىنىدىكى ئاللا

ئىسلام دىنىدىكى ئاللا

ئىسلام دىنى ئاللاھ ئەسلىدە قۇرەيش قەبىلىلىرىنىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىلاھى ئىدى، كېيىن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىسلام دىنىنى بەرپا قىلغاندا، يەھۇدىي دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىدىكى بىر ئىلاھقا چوقۇنۇش ئادىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كۆپ ئىلاھقا چوقۇنۇش ئادىتىدىن ۋاز كەچكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ پۈتكۈل ئىسلام دىنىنىڭ بىردىنبىر ئىلاھى بولۇپ قالغان. ئىسلام دىنىدا: ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ مەۋجۇت ئەمەس. ئاللاھ مۇتلەقتۇر، ئۇلۇغدۇر، ئالەمدىكى جىمى مەۋجۇداتنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر، ھەممىلا يەردە، مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىلاھتۇر، ئۇ ئىنسانلارغا ئۇلار ئېھتىياجلىق جىمى نەرسىنى، جۈملىدىن ھاياتلىق، يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇنى ئاتا قىلغان؛ ئادەملەر غەم - قايغۇغا چۆمگەندە، ئاللاھ ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ، ئادەملەر موھتاجلىقتا قالغاندا، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر، ئۇنىڭ ئوبرازى بولمايدۇ، مۇقىم جايى بولمايدۇ، ئاۋۋىلىمۇ، ئاخىرىمۇ بولمايدۇ، ئۇ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ناھايىتى كەسكىن بولۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جاجىسىنى بېرىدۇ، ئۇ تەڭداشسىزدۇر، دەپ قەيت قىلىنىدۇ. »قۇرئان كەرىم«دە ئاللاھنىڭ دۇنيانى ۋە ئىنسانلارنى ياراتقانلىقى ھەققىدىكى قىسسىلەر بار. بۇ قىسسىلەردە ئېيىتىلىشىچە، ئاللاھ ئىككى كۈندە زېمىننى ياراتقانمىش، يەنە تۆت كۈن سەرپ قىلىپ ئىنسانلار ئېھتىياجلىق ھەر خىل نەرسە - كېرەكلەرنى بار قىلغانمىش، ئۇ ئەرشىئەلاغا چىقىپ كۈن بىلەن ئاينى ئېسىپ، يۇلتۇزلارنى ئورۇنلاشتۇرغانمىش ھەمدە ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىت بويىچە ئايلىنىدىغان قىلغانمىش. ئاللاھ غايەت زور تۈۋرۈك بىلەن تىرەپ قويغان بولغاچقا، ئاسمان شۇنچە ئېگىزدە تۇرۇپمۇ چۈشۈپ كەتمەسمىش؛ ئېگىز تاغلار بىلەن بېسىپ تۇرغاچقا، يەر ئۆز جايىدا تەۋرەنمەي جىن تۇرىمىش. ئاللاھ يەنە كېچە بىلەن كۈندۈزنى، يامغۇر، ئاشلىق، مېۋە - چېۋە، چارۋا ماللارنى ئاپىرىدە قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ نورمال ئىشلىشى، ئارام ئېلىشى ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەنمىش. ئاللاھ يەنە ئىنسانلارنى ئاپىرىدە قىلىشنى قارار قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەشكە بۇيرىغانمىش. ئەڭ باشتا قارا لايدىن تۇنجى ئىنسان — ئادەم ئاتىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئايالى ھەۋۋا ئانىنى ياراتقانمىش، ئەر - خوتۇن ئىككىسى جەننەتتە غەم - ئەندىشىسىز ياشايدىكەنمىش، ئۇلار ئەقىل - پاراسەتتە ۋايىگە يەتكەنمىش. پەرىشتىلەر ئىچىدىكى ئىبلىس دەيدىغان بىر شەيتان ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ مەنمەنلىك قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغانمىش، ئۇ جەننەتكە بېرىپ ئاق كۆڭۈل قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنى جەننەتتىكى چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىشكە قىزىقتۇرغانمىش، شۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنى جازالاپ، جەننەتتىن قوغلاپ چىقىرىپ زېمىنغا ھەيدىۋەتكەنمىش. ئىبلىس شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىنسانلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغانمىش، زامانە ئاخىر بولغان كۈنى، ئاللاھ ئۇنى دوزاختىكى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈۋېتەرمىش. ئاللاھنىڭ يەنە «رەببىم»، «رەھمان» دېگەندەك ناملىرىمۇ بار. «رەھمان» ئىنتايىن مېھرىبان دېگەن مەنىدە. پارس تىلى قوللىنىلىدىغان دۆلەتلەردە، ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى «ئاللاھ» نى «خۇدا» دەپ ئاتايدۇ. جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلار «خۇدا» بىلەن «ئاللا» نىڭ ھەر ئىككىلىسىنى ئىشلىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىسلام دىنى
ئىسلام دىنىدىكى ئاللا | UyghurWiki | UyghurWiki