يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى ۋە ئىرسىي كېسەللىك
ئىرسىيەت بىلىملىرى
مەشھۇر ئەسەر «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى بىر چوڭ ئائىلىدە يۈز بەرگەن باۋيۈ، دەييۈ ۋە باۋچەيدىن ئىبارەت ئۈچ ياشنىڭ پاجىئەلىك مۇھەببىتى يېزىلغان بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ. لېكىن، ئىرسىيەت ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مەيلى باۋچەي ياكى دەي يۈ بولسۇن، باۋيۈ بىلەن نىكاھلىنىپ ئەر - خوتۇن بولۇشقا بولمايدۇ.
چۈنكى، باۋيۈنىڭ ئاتىسى جياجېڭ بىلەن دەي يۈنىڭ ئانىسى جيامىن بىر تۇغقان ئاكا - سىڭىل، باۋيۈنىڭ ئانىسى ۋاڭ خېنىم بىلەن باۋچەينىڭ ئانىسى شۆ ھامما بىر تۇغقان ئاچا - سىڭىللار بولغاچقا، باۋيۈ بىلەن باۋچەي بىر نەۋرە ئاچا - ئىنى، باۋيۈ بىلەن دەييۈ بىر نەۋرە ئاكا - سىڭىل بولىدۇ. قانداشلىق مۇناسىۋىتىدە بىر نەۋرە تۇغقانلار يېقىن تۇغقانلارغا كىرىدۇ. شۇڭا دۆلىتىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشىنى مەنئى قىلىش دېگەنلىك ئاتا بىلەن قىزىنىڭ، ئانا بىلەن ئوغلىنىڭ، بوۋا ۋە موما بىلەن نەۋرىلىرىنىڭ، ئاكا بىلەن سىڭىلنىڭ ، ئاچا بىلەن ئىنىنىڭ، بىر نەۋرىلەرنىڭ، تاغا بىلەن جىيەن قىزى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى مەنئى قىلىش دېگەندىن ئىبارەت. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېقىن تۇغقانلارغا كىرىدۇ.
يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشىدىن تۇغۇلغان ئەۋلادلاردا ئىرسىي كېسەللىكەر ئاسان يۈز بېرىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ھەربىر نورمال ئادەمدە زىيانلىق يوشۇرۇن گېن بولىدۇ. لېكىن، ئۇ ئارىلاشما تەنچە شەكلىدە بولىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ زىيانلىق خۇسۇسىيىتى ئىپادىلىنەلمەيدۇ. لېكىن يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا نىكاھلانغاندا بولسا يوشۇرۇن گېن ئەۋلادلاردا ساپ تەنچە شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ قالىدۇ - دە، ئەۋلادلارنى خىلمۇ خىل ئىرسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ. دائىمىي خروموسومدا بولىدىغان يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەللىكنى ئېلىپ يۈرگۈچىدىن پەقەت50 ~500 ئادەم ئىچىدە بىرى بولۇپ، ئىككى ئېلىپ يۈرگۈچىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىپ قېلىش پۇرسىتى250000 /1 بولىدىغان بولغاچقا، بۇنداق نىكاھلانغانلاردىن پەقەت4 /1 ىلا ئىرسىي كېسىلى بار پەرزەنت كۆرۈشى مۇمكىن. ئەگەر بىر نەۋرە ئاكا - سىڭىللار ئۆزئارا نىكاھلانسا، ئىككى ئېلىپ يۈرگۈچىنىڭ ئۇچرىشىش پۇرسىتى4000 /1 بولىدۇ - دە، كېسەل بولۇش نىسبىتى روشەن يۇقىرىلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەل بولۇش نىسبىتى قانچىكى تۆۋەن ھەم كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ئىرسىي كېسەللىكنىڭ يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا نىكاھلانغاندا كەلتۈرىدىغان زىيىنى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى ئەۋلادلىرىنىڭ ئىرسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، پەرزەنتلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يېتىلىشىگىمۇ روشەن ھالدا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.