شالغۇت ئەۋزەللىكى
ئىرسىيەت بىلىملىرى
ئات بىلەن ئېشەكنى چېتىشتۇرغاندا ئاتتىنمۇ، ئېشەكتىنمۇ قاۋۇل بولغان قېچىر تۇغۇلىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئىرسىيەتتە شالغۇت ئەۋزەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ.
چېتىشتۇرۇشتىن تۇغۇلغان ئەۋلاد ئىككى ئەجدادتىكى ئېسىل سۈپەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. مەسىلەن، قېچىر ئانىسى (ئات)نىڭ گەۋدىسى چوڭ، يۈگۈرۈشى تېز، كۈچى زور، سەزگۈر بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلىرىغا؛ ئاتىسى (ئېشەك) نىڭ قەدىمى مەزمۇت، ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان، چىداملىق، يەم - خەشەك تاللىمايدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىغا ئىگە بولىدۇ. قېچىر ئىش ئۇلىغى قىلىنسا، روشەنكى، بېرىدىغان ئۈنۈمى ئات ۋە ئېشەكنىڭكىدىنمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئەمگەكچى خەلقلىرى ئەڭ بالدۇر قوللانغان شالغۇت ئەۋزەللىكىگە ئائىت داڭلىق ئەمەلىي مىسال بولۇپ، ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كەلمەكتە.
ھايۋانلارنى تۈرگە ئايرىشتا ئات بىر تۈرگە، ئېشەك بىر تۈرگە تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇغقانداشلىق مۇناسىۋىتى ناھايىتى يىراق. ئومۇمەن، ئوخشاش بولمىغان ئىككى تۈر ئوتتۇرىسىدىكى شالغۇتلىشىش يىراق تۇغقانلارئارا شالغۇتلىشىش دېيىلىدۇ. يىراق تۇغقانلار ئارا شالغۇتلاشقاندىكى ئەۋلادلاردا پەيدا بولىدىغان ئەۋزەللىك ھادىسىسى تۈرلەر ئارا شالغۇت ئەۋزەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ.
بىر تۈر ئىچىدە نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان سورتلار بولىدۇ. تۈر ئىچىدىكى ھەرقايسى سورتلار ئوتتۇرىسىدىكى تۇغقانداشلىق مۇناسىۋەت تۈرلەر ئوتتۇرىسىدىكىدىن كۆپ يېقىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۈر ئىچىدە سورتلار ئوتتۇرىسىدىكى شالغۇتلىشىش يېقىن تۇغقانلار ئارا شالغۇتلىشىش ياكى سورتلار ئوتتۇرىسىدىكى شالغۇتلىشىش دېيىلىدۇ. تۈر ئوتتۇرىسىدىكى شالغۇتلىشىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سورتلار ئارا شالغۇت ئەۋزەللىكى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ ئىشلەپچىقىرىشتا تېخىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتا كېڭەيتىلگەن شالغۇت كۆممىقوناق، شالغۇت شال، شالغۇت قېچىر، شالغۇت توخۇ قاتارلىقلاردا سورتلار ئارا شالغۇت ئەۋزەللىكىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىلغان. بىز ئىرسىي قانۇنىيەتلەردىن پايدىلىنىپ يېتىلدۈرگەن دات كېسىلىگە قارشى پاكار غوللۇق بۇغداي، تۇخۇم تۇغۇپ تۇرىدىغان گۆش توخۇسى قاتارلىقلار سورتلار ئارا شالغۇتلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدۇر.