ساختا ئايال ۋە ساختا ئەر
ئىرسىيەت بىلىملىرى
بەزى ئالاھىدە ئاياللار باركى، ئۇلار تۇغۇلغاندا نورمال تۇغۇلىدۇ، بالىلىقىدىكى تەرەققىياتىمۇ ئاساسەن نورمال بولۇپ، قىز بالىغا ئوخشايدۇ. لېكىن، بالاغەتكە يەتكەندە ھەيز كەلمەي، بەدەن شەكلىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان قىزلار نورمال تەڭتۇشلىرىدىن خېلىلا پاكار بولىدۇ؛ بېشىنىڭ ئارقا قىسمىدىكى چاچ پاسىلى ئادەتتىكى قىزلارنىڭكىدىن پەس بولىدۇ؛ بويۇننىڭ ئىككى يېنىدىكى تېرىسى بوش بولۇپ، ئەگەر قول بىلەن تارتىلسا سوزۇلۇپ «پالاقچە» گە ئوخشاپ قالىدىغان بولغاچقا، «پالاقچە بويۇن» دېيىلىدۇ؛ ئاستىنقى ئېڭىكى كىچىك ھەم كەينىگە تارتىلغان بولۇپ، «لەھەڭ تۇمشۇقى» غا ئوخشاپ قالىدۇ؛ قۇلاقلىرىنىڭ ئورنى تۆۋەن ھەم شەكلى غەلىتە بولىدۇ؛ كۆكسى كىچىك بولۇپ، يېتىلىشى تولۇق بولمايدۇ؛ تۇخۇمدىنى يېتىلمەيدۇ. بۇنداق ئاياللار تۇغۇش ئىقتىدارى بولمىغان ساختا ئاياللار ھېسابلىنىدۇ.
مىكروسكوپتا خروموسومنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇنىڭ بىر خىل خروموسومدا بولىدىغان ئىرسىي كېسەللىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ نورمال ئاياللار (XX) غا قارىغاندا بىر تال X خروموسومى كەم بولىدۇ، يەنى X خروموسوم پەقەت بىر تال بولۇپ، يەككە ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ كېسەللىك X خروموسومى يەككە تەنلىك بولۇشىدىن بولىدىغان ئۇنىۋېرسال يىغىندى كېسەللىكى دېيىلىدۇ.
يەنە بەزى ئالاھىدە ئەرلەر باركى، ئۇلار تۇغۇلغاندا نورمال تۇغۇلىدۇ، بالىلىقىدىكى تەرەققىياتىمۇ ئاساسەن نورمال بولۇپ، ئوغۇل بالىغا ئوخشايدۇ. لېكىن، بالاغەتكە يەتكەندە ئاياللارنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، بويى زىلۋا، تېرىسى يۇمشاق، جىسمانىي كۈچى ئاجىزراق بولىدۇ؛ ساقال - بۇرۇت چىقمايدۇ، بۇغدىيىكى ئېنىق بولمايدۇ، گەپ قىلغاندا ئاھاڭى يۇقىرى بولىدۇ؛ ئۇرۇقدىنى كىچىك بولۇپ، ئىسپېرما ھاسىل قىلالمايدۇ، بالىلىق بولۇش ئىقتىدارى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ساختا ئەرلەر دېيىلىدۇ.
مىكروسكوپتا خروموسومنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئەرلەرنىڭ نورمال ئەرلەر (YX) گە قارىغاندا بىر تال X خروموسومى ئارتۇق بولۇپ، YXX ئىكەنلىكى بايقالغان. شۇڭا، بۇ كېسەللىك YXX ئۇنىۋېرسال يىغىندى كېسەللىكى دېيىلىدۇ، يەنە تۇغما ئۇرۇقدان رودىمېنتلىشىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مەيلى ساختا ئايال ياكى ساختا ئەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جىنسي خروموسومدىكى ئىللەتتىن بولىدىغان ئىرسىي كېسەللىك بولۇپ، ھازىرچە بۇنى داۋالايدىغان ئالاھىدە دورىلار تېخى تېپىلمىدى. بۇ تۈردىكى كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشىدىن پەيدا بولىدىغان بولغاچقا، پەقەت يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشىدىن ساقلانغاندىلا بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.