UyghurWiki
UyghurWikiئىرسىيەت بىلىملىرىقانىغاق كېسىلى

قانىغاق كېسىلى

ئىرسىيەت بىلىملىرى قانىغاق كېسىلىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى ئاسان قانايدۇ، ئاسانلىقچە توختىمايدۇ، شۇڭا ئۇ قانىغاق كېسىلى دېيىلىدۇ. قانىغاق كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ تېرىسى ئازراقلا يارىلانسا ياكى چىش يۇلدۇرۇش قاتارلىق كىچىك ئوپېراتسىيە قىلىنسا، توختىتىش قىيىن بولغان ئېغىر دەرىجىدىكى قاناشقا سەۋەب بولىدۇ. قىزىل - يېشىل رەڭ قارىغۇسىغا ئوخشاش، قانىغاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەردۇر. قانىغاق كېسىلى «خان جەمەتى كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئۆتكەن ئەسىردىكى ئەنگلىيە خان جەمەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەنگلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى ۋىكتورىيە ۋە ئۇنىڭ ئېرى قانىغاق كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە تۆت قىزى بولۇپ، چوڭ ئوغلى ئابود قانىغاق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەن؛ ئىككىنچى ئوغلى ئېدۋارد نورمال بولغاچقا، تەخت ۋارىسى بولغان. ئىككى قىزى نورمال ئىككى يىگىت بىلەن نىكاھلىنىپ، بىردىن قىز پەرزەنتلىك بولغان: ئۇلارنىڭ بىرى چار پادىشاھ نېكولاي Ⅱ بىلەن نىكاھلىنىپ، قانىغاق كېسىلى بار بىر ئوغۇل تۇغقان؛ يەنە بىرى ئىسپانىيە خان جەمەتىگە ياتلىق بولۇپ، ئۇمۇ قانىغاق كېسىلى بار بىر ئوغۇل تۇغقان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن روسىيىدىكى رومانوۋ جەمەتى بىلەن ئىسپانىيىدىكى بابېن جەمەتىدە ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيىنىڭ قىز نەۋرىلىرى (قىزىنىڭ قىزى)نى كېلىن قىلىش سەۋەبىدىن قانىغاق كېسىلى يامراپ كەتكەن. ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە قانىغاق كېسىلىنىڭ گېنىنى ئېلىپ يۈرگۈچى، شۇنداقلا قانىغاق كېسىلىنىڭ بۇ جەمەتتە «تارقىلىشى» غا سەۋەبچى بولغان باشلامچىدۇر. پۈتكۈل جەمەتتىكى كېسەل بولغۇچىلار پەقەت ئەرلەر بىلەنلا چەكلەنگەن. قانىغاق كېسىلىنىڭ ئەنگلىيە خان جەمەتى بىلەن مۇشۇنداق «بۇزۇلماس مۇناسىۋىتى» بولغاچقا، ئۇ «خان جەمەتى كېسىلى» دەپ ئاتالغان. قانىغاق كېسىلىمۇ قىزىل - يېشىل رەڭ قارىغۇسىغا ئوخشاش، X خروموسومدا بولىدىغان يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەللىكتۇر. بۇ تۈردىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ بولىدۇ؛ ئەرلەرنىڭ كېسەل پەيدا قىلغۇچى گېنى پەقەت قىزىغىلا ئىرسىيەت بولۇپ ئۆتىدۇ، ئوغۇل بالىنىڭ كېسەل پەيدا قىلغۇچى گېنى پەقەت ئانىسىدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئاتىسىدىن ئىرسىيەت بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن كېسەللىك ئەۋلاد ئاتلاپ كۆرۈلىدۇ. X خروموسومدا بولىدىغان يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەللىكلەردىن يەنە باقىلە كېسىلى، تەرەققىي قىلىشچان مۇسكۇللار ئوزۇقلىنىشىنىڭ ناچارلىشىش كېسىلى، ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىل بولمىغان قان كېسىلى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار ئىرسىيەت بىلىملىرى