رەڭ قارىغۇسى ۋە دالتۇن
ئىرسىيەت بىلىملىرى
دالتۇن ئەنگلىيىنىڭ18 - ئەسىردىكى ئۇلۇغ ئالىمى، يېقىنقى زامان ئاتوم نەزەرىيىسىگە ئۇل سالغۇچى. ئۇ، قىزىل - يېشىل رەڭ قارىغۇسىنى بىرىنچى بولۇپ بايقىغان ئادەم، شۇنداقلا قىزىل - يېشىل رەڭ قارىغۇلۇقى بىلەن بىرىنچى بولۇپ بايقالغان ئادەم. شۇڭلاشقا قىزىل - يېشىل رەڭ قارىغۇسى «دالتۇن كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مىلاد بايرىمىدا، ياش دالتۇن ئانىسىغا بايراملىق سوۋغا سۈپىتىدە بىرجۈپ پايپاق سېتىۋالىدۇ. ئانىسى بۇ سوۋغىنى ئېلىپ بەك خۇش بولىدۇ، بىراق پايپاقنىڭ رەڭگى بەك ئوچۇق بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېشىغا تازا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. دالتۇن ئەجەبلەنگەن ھالدا: «قېنىق كۆك رەڭ قانداقمۇ ساڭا ماس كەلمىسۇن؟» دەيدۇ. ئانىسى بۇنىڭدىن تاسادىپىيلىك ھېس قىلىپ: «نېمە دەيدىغانسەن ئوغلۇم؟ بۇ پايپاق گىلاستەك قىزىل تۇرمامدۇ!» دەيدۇ.
دالتۇن مۇشۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ رەڭ سېزىمىنىڭ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، قىزىل رەڭ بىلەن يېشىل رەڭنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىنى، يەنى ئۆزىنىڭ قىزىل - يېشىل رەڭ قارىغۇسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كېيىن، ئۇ مەخسۇس بۇ خىل كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ، «رەڭ سېزىمى توغرىسىدا» دېگەن بىر كىتابنى يېزىپ چىقىدۇ.
قىزىل - يېشىل رەڭ قارىغۇسىمۇ جىنسىي خروموسومدا بولىدىغان يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەللىككە كىرىدۇ. گېنلار ئادەتتە ئۆزى تۇرۇۋاتقان خروموسومغا تۇتاشقان ياكى باغلانغان ھالدا كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتىدۇ، مانا بۇ باغلىنىش دېيىلىدۇ. X خروموسومدىكى گېنلارنىڭ X خروموسومغا ئەگىشىپ بىللە ئۆتۈشى X خروموسوملۇق باغلىنىش ياكى جىنسىي باغلىنىش دېيىلىدۇ. قىزىل - يېشىل رەڭ قارىغۇسى گېنى X خروموسوم (جىنسىي خروموسوم)دا مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، بەلكى يوشۇرۇن بولىدىغان بولغاچقا، جىنسىي باغلىنىشتىكى يوشۇرۇن گېنلارنىڭ ئىرسىيىتى جىنسىي پەرقنىڭ ئوخشاش بولماسلىق ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئاياللاردا X خروموسوم جۈپ ھالەتتە مەۋجۇت بولغاچقا، ھەر ئىككىسىدە كېسەل پەيدا قىلغۇچى يوشۇرۇن گېن بولغاندىلا ئاندىن كېسەل بولىدۇ؛ ئەرلەردە X خروموسوم يالغۇز بولىدۇ، شۇڭلاشقا شۇ X خروموسومدا كېسەل پەيدا قىلغۇچى گېن بولسىلا كېسەل بولىدۇ. لېكىن، كېسەل قوزغاتقۇچى گېننى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىككى تال X خروموسومنىڭ قوشۇلۇپ (XX) بولۇش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولىدىغان بولغاچقا، X باغلىنىشى يوشۇرۇن بولغان ئىرسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولىدىغان ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا خېلىلا كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، قىزىل - يېشىل رەڭ قارىغۇسى بولىدىغان ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. ئېلىمىزدە ئەرلەرنىڭ رەڭ قارىغۇسى بولۇش نىسبىتى % 7 بولسا، ئاياللارنىڭ % 5 .0 .
دالتۇننىڭ ئانىسى قىزىل - يېشىل رەڭ قارىغۇسى گېنىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولغاچقا، دالتۇنغا قىزىل - يېشىل رەڭ قارىغۇسى گېنى ئانىسىدىن ئۆتكەن.