UyghurWiki
UyghurWikiئىرسىيەت بىلىملىرىكۆپ بارماقلىق ۋە قوش بارماقلىق

كۆپ بارماقلىق ۋە قوش بارماقلىق

ئىرسىيەت بىلىملىرى كۆپ بارماقلىق بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان غەيرىيلىك بولۇپ، ئارتۇقچە ئۆسۈپ چىققان بۇ بارماقلار كۆپىنچە باش بارماق ياكى چىمچىلاقنىڭ ئالىقاندىكى ئۈگىسى (پۇتلاردا بولسا تاپان ئۈگىسى) بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بەزىلىرى تولۇق يېتىلمەيدىغان بولغاچقا، كارغا كەلمەيدۇ ھەمدە مونچاقتەك ئىنچىكە تېرە سېپىدا گىلدىڭلاپ تۇرىدۇ. قوش بارماقلىقتا بولسا ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق بارماقلار سۆڭەك مۇسكۇلى، تېرە ۋە بارماق تىرناقلىرى ئارقىلىق تولۇق بىرىكىپ تۇرىدۇ. ئافرىقىدىكى بەزى نامرات رايونلاردا پۈتۈن كەنت بويىچە دېگۈدەك ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قوش بارماقلىق بولۇپ، بەزىلەرنىڭ ھەتتا تۆگىقۇشنىڭكىدەك ئىككىلا بارمىقى بار ئىكەن. كۆپ بارماقلىق بىلەن قوش بارماقلىق دائىمىي خروموسومدا بولىدىغان بىر خىل ئاشكارا ئىرسىي كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىرسىيەت بولۇپ قېلىش ئۇسۇلى مۇنداق: پەقەت بىر دانە كېسەل پەيدا قىلغۇچى A بولسىلا بۇ خىل كېسەل ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، AA ۋە aA لار ئومۇمەن بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. پەقەت aa لا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا بۇ خىل كېسەللىك ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ بارىدىغان بولغاچقا، ئەگەر بىر پەرزەنت ئالتە بارماقلىق بولسا، ئۇنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى چوقۇم ئالتە بارماقلىق دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئاتا - ئانىسىدىن بىرى كۆپ بارماقلىق ياكى قوش بارماقلىق بولسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى ياكى يېرىمى كۆپ بارماقلىق بولىدۇ، بۇنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى تۆۋەندىكىچە: ئاشكارا گېن تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئافرىقىدىكى مەلۇم كەنتنىڭ ھەممىلا يېرىدە بۇ خىل كېسەللىكنىڭ بولغانلىقى مۇشۇ خىل ئەھۋالدىن بولغان. دائىمىي خروموسومدا ئاشكارا ساقلىنىدىغان ئىرسىي كېسەللىكلىرىدىن يەنە كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان بوغماق ئۈچەي مونچاق گۆشى كېسىلى، قۇرامىغا يەتكەنلەردە بولىدىغان كۆپ خالتىلىق بۆرەك كېسىلى، ئىرسىي خاراكتېرلىك ئۇسسۇل كېسىلى، يۇقىرى مايلىق قان كېسىلىنىڭ Ⅱ تىپى، تۇغما قاپاق ساڭگىلاش، چىشلار رەتسىز جايلىشىش قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار ئىرسىيەت بىلىملىرى
كۆپ بارماقلىق ۋە قوش بارماقلىق | UyghurWiki | UyghurWiki