قارا سۈيدۈك كېسىلى ۋە يوشۇرۇن ئىرسىيەت
ئىرسىيەت بىلىملىرى
بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ سۈيدۈكى ھاۋاغا يولۇقسىلا قارىداپ كېتىدىغان بولغاچقا، قارا سۈيدۈك كېسىلى دەپ ئاتالغان. بۇ ئادەتتىكى خروموسوملاردا بولىدىغان بىر خىل يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەللىكتۇر.
ئادەمنىڭ تەن ھۈجەيرىسىدە23 جۈپ خروموسوم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جۈپى جىنسىي پەرقنى، يەنى ئوغۇل ياكى قىز بولۇشنى بەلگىلەيدىغان بولغاچقا، بۇ بىر جۈپ خروموسوم جىنسي خروموسوم دېيىلىدۇ؛ قالغان22 جۈپى بولسا جىنس بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا، دائىمىي (ئادەتتىكى) خروموسوم دېيىلىدۇ.
ئادەمنىڭ23 جۈپ خروموسومىدىكى ھەربىر جۈپ خروموسوم ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوم دېيىلىدۇ. ئوخشاش مەنبەلىك خروموسومدىكى قارىمۇقارشى ياكى تەڭ ئورۇندىكى گېن تەڭ ئورۇنلۇق گېن دېيىلىدۇ. ئىككى تەڭ ئورۇنلۇق گېنى ئوخشاش بولغان ئىندىۋىد ساپ تەنچە دېيىلىدۇ (مەسىلەن، AA ۋە aa )؛ ئىككى تەڭ ئورۇنلۇق گېنى ئوخشاش بولمىغان ئىندىۋىد ئارىلاشما تەنچە دېيىلىدۇ (مەسىلەن،aA ). ئارىلاشما تەنچە ھالىتىدە بولغاندا بەلگىلەرنىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرلا گېن (مەسىلەن،A ) بەلگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ گېن ئاشكارا گېن دېيىلىدۇ، ئىپادىلەپ چىقالمايدىغىنى بولسا يوشۇرۇن گېن دېيىلىدۇ (مەسىلەن،a ). شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىندىۋىدلاردا ئاشكارا گېن يالغۇز بولسىمۇ ئىپادىلىنەلەيدۇ، ئەمما يوشۇرۇن گېن جۈپ بولغاندىلا ئاندىن ئىپادىلىنەلەيدۇ.
ئادەم تېنىدە تروزىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا (يېمەكلىكلەردىن ئېلىنىدۇ) بولۇپ، ئۇ نورمال ئادەم (ساپ تەنچە AA ياكى ئارىلاشما تەنچە aA) نىڭ تېنىدە ھوموگېنتىز كىسلاتا (سۈيدۈك قارا كىسلاتاسى) غا ئايلىنىدۇ ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بىلەن سۇغا پارچىلىنىدۇ: يەنى
O2H+2OC ھوموگېنتىز كىسلاتا تروزىن.
شۇڭلاشقا، نورمال ئادەملەرنىڭ سۈيدۈكىدە ھوموگېنتىز كىسلاتا مەۋجۇت بولمايدۇ، قارا سۈيدۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار (ساپ تەنچە aa ) نىڭ تېنىدىكى ھوموگېنتىز كىسلاتا داۋاملىق پارچىلىنالمىغاچقا، سۈيدۈكى ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ. ھوموگېنتىز كىسلاتانىڭ ئۆزى رەڭسىز بولسىمۇ، لېكىن ھاۋادا بىر مەزگىل تۇرسا، ئوكسىگېن بىلەن تەسىرلىشىپ قارا رەڭلىك ماددىغا ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قارا سۈيدۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنىڭ زاكىسىدا قارا رەڭلىك داغلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھوموگېنتىز كىسلاتانىڭ قارىيىشىنى ئىشقار تېزلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا بۇ تۈردىكى زاكىلارنى كىر سوپۇن (ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتى بار) بىلەن يۇغاندا ئاقارمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ قارىيىپ كېتىدۇ.
قارا سۈيدۈك كېسىلىنىڭ ئانچە چوڭ زىيىنى بولمىسىمۇ، لېكىن بەزىدە كۆمۈرچەك ۋە ئۈگە قاتارلىق ئورۇنلاردا پىگمېنت چۆكمىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ئېغىرلاشقاندا ئۈگە ياللۇغىغا گىرىپتار قىلىدۇ. بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشتا دورىغا تايانماستىن، گېن ئارقىلىق داۋالاش چارىسىنى ئويلىشىش لازىم.