UyghurWiki
UyghurWikiئىرسىيەت بىلىملىرىراخت كېسىلى

راخت كېسىلى

ئىرسىيەت بىلىملىرى ئەقىللىق ئانىلار ئۆز بالىلىرىغا كىچىكىدىن تارتىپ كالتسىي پاراشوكى ۋە بېلىق مېيى بېرىش ئارقىلىق، ئىپلاس راخت (كۆمۈرچەك) كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىلىدۇ. لېكىن، بىرخىل ئىرسىي كېسەللىك − ۋىتامىن D غا قارشى راخت كېسىلى ئالاھىدە بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئىنچىكە ئۈچىيى كالتسىي بىلەن فوسفورنى ياخشى سۈمۈرەلمەيدىغان، شۇنداقلا كۆپ مىقداردىكى فوسفور سۈيدۈكى ئارقىلىق چىقىپ كېتىدىغان بولغاچقا، قېنىدىكى فوسفور بىلەن كالتسىي زىيادە تۆۋەنلەپ، ئېغىر دەرىجىدىكى راخت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، نەتىجىدە كالتسىي تابلېتى ۋە بېلىق مېيى قاتارلىقلارنى قانچە يېسىمۇ قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ كېسىلى بىر ياش ئەتراپىدا قوزغىلىدۇ، يەنى بۇ كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى پۇتلىرىنىڭ «O » شەكىللىك بولۇشىدا كۆرۈلىدۇ؛ كېيىنچە ئىسكىلىتلىرى غەلىتە يېتىلىپ، سۆڭەكلىرىدە كۆپىنچە سۇنۇش ۋە ئاغرىش، ماڭالماسلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. قىزلاردا ساپ گامېتىلىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق، ئارىلاش گامېتىلىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يەڭگىلرەك بولىدۇ. بەزىدە كوچىلاردا بويى ناھايىتى پاكار، توخۇ كۆكرەك، دوك، پۇتلىرى «O» شەكىللىك ئايال بىمارلارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، مانا بۇلار مۇشۇ خىل ئارىلاش گامېتىلىق بىمارلاردۇر. بۇ خىل كېسەللىك X خروموسومدا بولىدىغان ئاشكارا ئىرسىي كېسەللىكتۇر. بۇ تۈردىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى: ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپ بولىدۇ، كۆپىنچە بىرقانچە ئەۋلادقىچە ئىرسىيەت بولۇپ داۋاملىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىرسىيەت بىلىملىرى