UyghurWiki
UyghurWikiئىرسىيەت بىلىملىرىئاتىسىز يېشىل پاقا

ئاتىسىز يېشىل پاقا

ئىرسىيەت بىلىملىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئانىلىق ۋە ئاتىلىق گامېتىلارنىڭ قوشۇلۇشى، يەنى جىنسلىق كۆپىيىش ئارقىلىق ئەۋلاد قالدۇرىدىغان بولغاچقا، ھەرقايسى ئىندىۋىدلارنىڭ ئۆز ئاتا - ئانىسى بولىدۇ. لېكىن، پەن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئەسلىدە پەقەت جىنسلىق كۆپىيىش ئارقىلىقلا ئەۋلاد قالدۇرىدىغان جانلىقلار ئانىلىق ۋە ئاتىلىق گامېتىلىرى قوشۇلماي تۇرۇپمۇ، يەنى جىنسسىز كۆپەيتىش ئارقىلىقمۇ ئەۋلاد قالدۇرىدىغان بولدى. ئامېرىكىلىق بىر ئالىم بىر چىشى يېشىل پاقا تېنىدىن بىر تال تۇخۇمنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ھۈجەيرە يادروسىنى ئېلىپ تاشلىغان؛ ئاندىن بۇ يېشىل پاقىنىڭ ئۈچەي ھۈجەيرىسىدىكى ھۈجەيرە يادروسىنى يادروسى ئېلىپ تاشلانغان تۇخۇمغا كىرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ تەن ھۈجەيرە يادروسى بۆلۈنۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا يېشىل پاقا بولۇپ يېتىلگەن. بۇ يېشىل پاقا ئەسلىدىكى چىشى يېشىل پاقىغا ئوپمۇئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئانىسى بار، ئاتىسى يوق بولۇپ قالغان. قوش ماكانلىق ھايۋانلارنى جىنسسىز كۆپەيتىشكە بولىدۇ، بۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى بولغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىمۇ مۇشۇنداق قىلىشقا بولىدۇ. ئوخشاشلا، ئامېرىكا ئالىملىرىدىن بىرنەچچىسى ئەركەك چاشقاننىڭ تۆت كۈنلۈك بولغان تۆرەلمىسىدىن ئۈچ دانە تەن ھۈجەيرىسىنى ئېلىپ ئۆستۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈچ ئەركەك چاشقاننى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئۇلار ئانىسى يوق، دادىسى بار ئەركەك چاشقان بولۇپ يېتىلگەن. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، جانلىقلارنىڭ ھەربىر تەن ھۈجەيرىسىدە پۈتۈن يۈرۈش خروموسوم ياكى گېن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ. پەقەت مۇئەييەن تاشقى مۇھىت شارائىتى تولۇق بولسىلا، نورمال ئىندىۋىد بولۇپ يېتىلىدۇ. قېچىر ئات بىلەن ئېشەكتىن تۆرەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئات بىلەن ئېشەكنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەۋلاد قالدۇرالمايدۇ. ئەگەر قېچىرنىڭ بەدىنىدىن بىر دانە تەن ھۈجەيرىسىنى ئېلىپ يۇقىرىقىدەك بىر تەرەپ قىلىنسا، ئۇنىڭدىن ئەسلىدىكى قېچىرغا ئوپمۇ ئوخشاش بولغان يېڭى قېچىر يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بۇ نەزەرىيە جەھەتتە تامامەن مۇمكىن، ئەمما مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى مۇشۇنى يېتىلدۈرۈشنىڭ تاشقى ئامىلىنىڭ تېپىلىشىدا. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، چارۋا ماللارنى جىنسسىز كۆپەيتىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلۇپ قالسا، بىر تال تەن ھۈجەيرىسىدىن بىر تۇياق ئىندىۋىد يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئۇ ھالدا، بىر تۇياق نەسىللىك چارۋىدىن ئۆزىگە ئوخشاش1 تىرىليون چارۋىنى يېتىلدۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىدۇر. ئوخشاش پرىنسىپقا ئاساسلانغاندا، ئادەم ئۆزىنى جىنسسىز كۆپەيتىشتە، ئۆز بەدىنىدىن بىر دانە تەن ھۈجەيرىسىنى ئېلىپ، ئۆزىگە ئوپمۇئوخشاش بولغان ئادەمنى يېتىلدۈرۈپ چىقالايدۇ. بۇ، تېخنىكا جەھەتتە كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار ئىرسىيەت بىلىملىرى