UyghurWiki
UyghurWikiئىرسىيەت بىلىملىرىجىنسىي پەرق ۋە خروموسوم

جىنسىي پەرق ۋە خروموسوم

ئىرسىيەت بىلىملىرى جانلىقلار ئەركەك ۋە چىشى دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ جىنسىي پەرقىنى جىنسىي خروموسوم بەلگىلەيدۇ. ئۆي توشقىنىنى مىسال قىلساق، ئۇنىڭ جەمئىي22 جۈپ خروموسومى بولۇپ، ئۇلاردىن بىر جۈپى جىنسىي خروموسومدۇر. ئەگەر توشقان ھۈجەيرىسىدىكى بىر جۈپ جىنسىي خروموسوم ئوخشاش (يەنى ئىككىسى XX خروموسوم) بولسا، چىشى توشقان بولىدۇ؛ بىر جۈپ جىنسىي خروموسوم ئوخشاش ئەمەس (يەنى Y X خروموسوم) بولسا، ئەركەك توشقان بولىدۇ. شۇڭا، چىشى توشقان پەقەت بىر خىل تۇخۇم − X تۇخۇمنى ھاسىل قىلىدۇ، ئەركەك توشقان ئىككى خىل ئىسپېرما − X ئىسپېرما بىلەن Y ئىسپېرمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەركەك توشقانYX چىشى توشقان XX ئىسپېرما X،Y تۇخۇم X كىشىلەر توشقانلىرىنى ئاۋۇتۇش ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا چىشى توشقاننى كۆپ، ئەركەك توشقاننى ئاز باقىدۇ. تۆۋەندىكى تەجرىبىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، چىشى توشقاننى كۆپەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. يەنى ئەركەك توشقاننىڭ ئىسپېرمىسى ئېلىنىپ «U» شەكىللىك ئەينەك قاچىغا قۇيۇلىدۇ؛ ئاندىن «U» شەكىللىك ئەينەك قاچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىردىن ئېلېكترود (ئۇنىڭ بىرى مۇسبەت قۇتۇپ، يەنە بىرى مەنپىي قۇتۇپ) قىستۇرۇلۇپ توك ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن X خروموسوملۇق ئىسپېرما (مەنپىي زەرەتلىك) نىڭ مۇتلەق كۆپى مۇسبەت قۇتۇپ ئەتراپىغا، Y خروموسوملۇق ئىسپېرما (مۇسبەت زەرەتلىك) نىڭ مۇتلەق كۆپى مەنپىي قۇتۇپ ئەتراپىغا سىلجىپ توپلىنىدۇ. ئەگەر مۇسبەت قۇتۇپنىڭ چۆرىسىدىكى ئىسپېرما سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلىدا چىشى توشقاننىڭ جىنسي يولىغا شپىرىس ئارقىلىق كىرگۈزۈلۈپ قويۇلسا، چىشى توشقان بوغاز بولغاندىن كېيىن تۇغقان بۆجەنلەرنىڭ كۆپى چىشى بولىدۇ. بۇ تەجرىبە ئارقىلىق باشقا ئۆي ھايۋانلىرىنى ئاۋۇتۇشتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. ئادەم بالىسىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىنىمۇ بىر جۈپ جىنسىي خروموسوم بەلگىلەيدۇ. جىنسىي خروموسومنىڭ ھەممىسى XX بولغاندا قىز، YX بولغاندا ئوغۇل بولىدۇ. مانا بۇلار ئادەمنىڭ باشقا جانلىقلار بىلەن نۇرغۇن جەھەتلەردە ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئادەمنىڭ باشقا ھايۋانلاردىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشنىڭ ئايالغا ئەمەس، بەلكى ئەرگە باغلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۆي قۇشلىرى (مەسىلەن، توخۇ)نىڭ جىنسىي پەرقىنىمۇ بىر جۈپ جىنسىي خروموسوم بەلگىلەيدۇ. بىراق، توخۇدىكى ئەھۋال ئۆي توشقىنى بىلەن ئادەمنىڭكىنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ. يەنى جىنسىي خروموسومى ZZ بولغىنى خوراز، WZ بولغىنى مېكىيان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىرسىيەت بىلىملىرى