ئەمگەك − بايلىقنىڭ ئاتىسى
ئىقتىسادىي بىلىملەر
ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى تۈرلۈك ماددىي ۋاسىتىلەردىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ. ئاتموسفېرا بولمىسا ئادەم شۇ ھامان ئۆلىدۇ؛ يېمەكلىك بولمىسىمۇ ئادەم ئوخشاشلا ياشىيالمايدۇ. ئىنسانلار ئېھتىياجلىق ماددىي ۋاسىتىلەرنى ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرى، ئەمگەك سىڭدۈرمەيمۇ ئېرىشكىلى بولىدىغان تەبىئىي نەرسىلەر، مەسىلەن، قۇياش نۇرى، ھاۋا قاتارلىقلار؛ يەنە بىرى، ئىنسانلار ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار، مەسىلەن، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ ئۆي، ماشىنا قاتارلىقلار. بۇ خىل ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماددىي ۋاسىتىلەر دەل ماددىي بايلىقلاردۇر.
جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىنسانلار ئاساسەن بىۋاسىتە ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىۋالاتتى ياكى ھايۋانلارنى ئوۋلىۋالاتتى. ئۇزاق مەزگىللىك ئوۋچىلىق دەۋرىدىن كېيىن، ئىنسانلار زىرائەتلەرنى تېرىيدىغان، ھايۋانلارنى باقىدىغان، يەر ئاستى قېزىلما بايلىقلىرىنى قازىدىغان بولدى ھەمدە بۇ مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ۋە قايتا پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان بولدى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ماددىي بايلىقلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، مەھسۇتلار كۈنسايىن موللاشتى، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىمۇ كۆپ تەرەپلىمە قاندۇرۇلىدىغان بولدى.
بارلىق ماددىي بايلىقلارنى ئەمگەكچى خەلق ياراتقان بولۇپ، ئەمگەك ماددىي بايلىقنىڭ بۇلىقىدۇر. بىراق، ئەمگەك ماددىي بايلىقنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى ئەمەس، بايلىق يارىتىشتا يەنە تەبىئىي بايلىقلارغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەنگلىيىلىك داڭلىق ئىقتىسادشۇناس مۇنداق دېگەن: ئەمگەك − بايلىقنىڭ ئاتىسى، يەر − بايلىقنىڭ ئانىسى. شۇڭا، ماددىي بايلىقلارنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈللەپ - ياشنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، ماددىي بايلىقلارنى قوغدىشىمىز، ئۇنى مۇۋاپىق ئېچىشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەمگەك ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز، ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئۈنۈملۈك، تولۇق ئىشلىتىلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىشىمىز لازىم.