ئىقتىسادىي پائالىيەت ۋە ئۈچ چوڭ كەسىپ
ئىقتىسادىي بىلىملەر
ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي پائالىيەت، ئالدى بىلەن ئىنسانلارنى يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلەيدىغان يېزا ئىگىلىكىدىن باشلانغان. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم كىشىلەر يېزا ئىگىلىكىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، سانائەت ۋە باشقا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئىنسانلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن باشقا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا باشلىغان. يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەت راۋاجلانغاندىن كېيىن، ئىنسانلار ماددىي تۇرمۇشتىن باشقا تېخىمۇ يۇقىرى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، مەسىلەن، ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، تۇرمۇشنى قۇلايلاشتۇرۇش، سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىش قاتارلىقلار. شۇڭا، يېزا ئىگىلىكى ۋە سودىدىن باشقا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر تەرەققىي قىلدى. ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، ئىقتىسادشۇناسلار ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي پائالىيەت دائىرىسىنى ئۈچ چوڭ كەسىپكە ئايرىدى.1985
- يىلى جۇڭگو ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئۈچ چوڭ كەسىپ تۈرى بويىچە ھېسابلاشقا باشلىدى. ئەينى چاغدا، دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى ئۈچ چوڭ كەسىپكە ئايرىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭدا1 - كەسىپ يېزا ئىگىلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛2 - كەسىپ سانائەت ۋە بىناكارلىقنى كۆرسىتىدۇ، سانائەت ئۆز ئىچىگە قازمىچىلىق سانائىتى، ياساش سانائىتى ۋە تۇرۇبا سۈيى، ئېلېكتر كۈچى، پار كۈچى، ئىسسىق سۇ، كۆمۈر گازى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛3 - كەسىپ بولسا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كەسىپتىن باشقا ھەممە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق تۆت قاتلامغا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى قاتلام ئوبوروت ساھەسىنى، يەنى قاتناش - ترانسپورت، پوچتا - تېلېگراف، ئالاقىلىشىش كەسپى، سودا، يېمەك - ئىچمەك كەسپى، ماددىي ئەشيا، تەمىنات - سودا ۋە ئامباردا ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى قاتلام ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان تارماقلارنى، يەنى پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا كەسپى، گېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئۆي - زېمىن كەسپى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىشلىرى، ئاھالىلەر مۇلازىمەتچىلىكى، ساياھەت، مەسلىھەت، مۇلازىمەت كەسپى ۋە تۈرلۈك تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى قاتلام، پەن - مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان تارماقلار بولۇپ، بۇ مائارىپ، مەدەنىيەت، رادىئو - تېلېۋىزىيە، پەن - تەتقىقات، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆتىنچى قاتلام ئىجتىمائىي جامائەت ئېھتىياجى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان تارماقلار بولۇپ، دۆلەت ئورگانلىرى، پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئارمىيە، ساقچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ،3 - كەسىپنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشتىكى ئورنى ۋە رولى كۈنسايىن كۈچەيدى. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە3 - كەسىپنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە تۇتقان سالمىقى چوڭ بولۇپ،1 - ۋە2 - كەسىپلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.