UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەرخەلقئارا كىرىم - چىقىم

خەلقئارا كىرىم - چىقىم

ئىقتىسادىي بىلىملەر خەلقئارا كىرىم - چىقىم بىر دۆلەتنىڭ مۇئەييەن مەزگىل ئىچىدە دۆلەت سىرتىدىن كىرىم قىلغان بارلىق پۇل مەبلىغى ۋە دۆلەت سىرتىغا چىقىم قىلغان بارلىق پۇل مەبلىغى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ مۇئەييەن مەزگىل (ئادەتتە بىر يىل) ئىچىدىكى تاشقى ئىقتىسادىي سودا ئالاقىسىنىڭ سىستېمىلىق خاتىرىسى. خەلقئارا كىرىم - چىقىم «دائىملىق تۈر» ۋە «كاپىتال تۈر» دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دائىمىي تۈر يەنە تاۋار ۋە ئەمگەك - مۇلازىمەت تۈرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاۋار تۈرى تاۋارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمگەك - مۇلازىمەت تۈرى ئەمگەك - مۇلازىمەتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسىنى، جۈملىدىن سۇغۇرتا پۇلى، ترانسپورت خىراجىتى، رەسمىيەت ھەققى، ئۆسۈم، ساياھەت خىراجىتى، شۇنداقلا مۇھاجىرلارنىڭ پېرېۋوت پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كىرىم ۋە چىقىمنى كۆرسىتىدۇ. كاپىتال تۈر كاپىتالنىڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئايلىنىش خاتىرىسىنى كۆرسىتىدۇ، مۇددەت جەھەتتىن، ئۇنى ئۇزاق مەزگىللىك كاپىتال تۈر ۋە قىسقا مۇددەتلىك كاپىتال تۈر دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئاساسلىنىپ، ھۆكۈمەت كاپىتالى تۈرى ۋە شەخسىي كاپىتال تۈرى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. كاپىتالنىڭ كىرگۈزۈلۈشى كىرىم دەپ ئاتىلىدۇ؛ كاپىتالنىڭ چىقىرىلىشى چىقىم دەپ ئاتىلىدۇ. كاپىتال تۈرى ۋە دائىمىي تۈردىكى بارلىق كىرىم بىلەن چىقىمنى سېلىشتۇرغاندا، ئەگەر كىرىم بىلەن چىقىم ئۆزئارا تەڭ بولسا، بۇ »خەلقئارا كىرىم - چىقىم تەڭپۇڭلۇقى« دەپ ئاتىلىدۇ، ئەگەر كىرىم ئومۇمىي سوممىسى چىقىم ئومۇمىي سوممىسىدىن چوڭ بولسا، بۇ «خەلقئارا كىرىم - چىقىمدىكى ئوڭ پەرق» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئەكسىچە بولسا، بۇ «خەلقئارا كىرىم - چىقىمدىكى تەتۈر پەرق» ياكى خەلقئارا كىرىم - چىقىمدىكى قىزىل رەقەم دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئادەتتە تاشقى پېرېۋوت ياكى ئالتۇن ئارقىلىق قايتۇرۇلىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا كىرىم - چىقىمىدا ئوڭ پەرق كېلىپ چىقسا، بۇ خەلقئارا ئالاقىدە پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇ دۆلەت تاۋارلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنىڭ زورلۇقىنى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا كىرىم - چىقىمدىكى ئوڭ پەرق زور مىقداردا ئالتۇن ۋە تاشقى پېرېۋوت ئېلىپ كەلگەچكە، ئۇ دۆلەت خەزىنىسىنى تولۇقلاش ۋە پۇلنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئەكسىچە، خەلقئارا كىرىم - چىقىمدا تەتۈر پەرق كۆرۈلسە، بۇ دۆلەتنىڭ سىرتقا قەرز بولۇپ قالغانلىقىنى، دۆلەت خەزىنىسىدىكى ئالتۇن ۋە تاشقى پېرېۋوتنى يۆتكەپ قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ مۇقەررەر ھالدا پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر دائىم خەلقئارا كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ قارايدۇ ھەمدە ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەت تۈزۈشى ۋە ئۇنى تەڭشىشىدىكى ئاساس قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر