UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەرئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى

ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى

ئىقتىسادىي بىلىملەر ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىش تەقسىماتى، يەنە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كەسىپلىشىشى، ئىجتىمائىيلىشىشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ قېتىملىق ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى بولۇپ ئۆتكەن، بىرىنچى قېتىملىقىدا چارۋىچىلىق دېھقانچىلىقتىن ئايرىلىپ چىققان. ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى جەريانىدا، بەزى قەبىلىلەر ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ بېقىشنى ئۆگىنىۋالغان. كېيىن كۆلىمى چوڭراق چارۋىچىلىقنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، بۇ قەبىلىلەر ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغان. باشقا قەبىلىلەر يىغىش، توپلاشتىن تېرىقچىلىق قىلىشقا قاراپ تەرەققىي قىلغان ھەمدە تەدرىجىي دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. تۇنجى قېتىملىق ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاۋار ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتكەن. ئىككىنچى قېتىملىق ئىش تەقسىماتىدا قول ھۈنەرۋەنچىلىك دېھقانچىلىقتىن ئايرىلىپ چىقتى. تۆمۈردىن ياسالغان قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ ئىلگىرىلىشى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىمۇ كۆپ خىللىشىشقا قاراپ راۋاجلاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك دېھقانچىلىقتىن ئايرىلىپ چىقتى. ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى جەمئىيەتتە ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى مەركەز قىلغان شەھەرلەر شەكىللىنىشكە باشلىدى. ئۈچىنچى قېتىملىقىدا سودىگەرلەر بارلىققا كەلدى. تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانماي، مەخسۇس تاۋار ئالماشتۇرۇش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە بىر قىسىم بايلىقنى ئىگىلىگەن سودىگەرلەر بارلىققا كەلدى. ئۈچىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا باي - كەمبەللىككە بۆلۈنۈشنى يەنىمۇ تېزلەتتى ھەمدە ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەك ئايرىلىشقا باشلىدى. ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئۈچ قېتىملىق چوڭ ئىش تەقسىماتىدىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. ھازىرقى زاماندا يېزا ئىگىلىك، سانائەت، قاتناش - ترانسپورت، پوچتا - تېلېگراف، سودا قاتارلىقلار ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى بولۇپ شەكىللەندى، ھەربىر ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىش تەقسىماتى مەۋجۇت، مەسىلەن، سانائەت ئېغىر سانائەت ۋە يېنىك سانائەت دەپ ئايرىلىدۇ، ئېغىر سانائەت يەنە مېتاللۇرگىيە سانائىتى، كۆمۈر سانائىتى، ماشىنىسازلىق - ياساش سانائىتى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرى يەنە نۇرغۇن ئايرىم ئەمگەك جەريانلىرىغا بۆلۈنۈپ، مۇستەقىل ھالدا ئوخشاش بولمىغان ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس فۇنكسىيىلىك ئورۇن قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر
ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى | UyghurWiki | UyghurWiki